تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

لوندون قول ھۈنەر سەنئىتى ھەپتىلىكىدە جۇڭگونىڭ 100دىن ئارتۇق قول ھۈنەر ئەسىرى نامايان قىلىندى

لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن قول ھۈنەر سەنئىتى ھەپتىلىكى «جۇڭگو ھۈنىرى» كۆرگەزمىسىدە، بىر ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچى جۇڭگونىڭ نۇسخا چۈشۈرۈش ھۈنەر سەنئىتىنى سىنىماقتا. چياڭ ۋېي فوتوسى  
     خەلق گېزىتى خەۋىرى: دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قول ھۈنەرۋەنچىلەر، لايىھەلىگۈچىلەر ۋە ماركا ئۆمەكلىرى لوندون شەھىرىگە يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىجادىيەت، ئەسەرلىرى ھەمدە قول ھۈنەر-سەنئىتىنى نامايان قىلدى.
    دۆلەت تاشقى مەدەنىيەت سودا بازىسى (شاڭخەي) ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو ھۈنىرى» كۆرگەزمىسى بۇ يىللىق لوندون قول ھۈنەر سەنئىتى ھەپتىلىكىدىكى چوڭ بىر يارقىن نۇقتا بولدى. «جۇڭگو ھۈنىرى» كۆرگەزمىسىدە جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 قا يېقىن ھۈنەرۋەن ئۇستا يىغىلىپ كەشتىچىلىك، ساپالچىلىق، ياغاچچىلىق، مېتالچىلىق، تامغا ئويۇش، شەكىل باسما ھەمدە قەدىمقى رەسىملەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر سەنئىتى ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى.

لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن قول ھۈنەر سەنئىتى ھەپتىلىكى «جۇڭگو ھۈنىرى» كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەر سەنئىتى بۇيۇملىرى. چياڭ ۋېي فوتوسى  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى