تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

گۇچۇڭ ناھىيەسى ئېتىز-ئېرىقلاردىكى سۇلياۋ يوپۇقلارنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈردى

  ئۆز خەۋىرىمىز: گۇچۇڭ ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قانۇن بويىچە ئېتىز-ئېرىقلاردىكى سۇلياۋ يوپۇق بۇلغىنىشىنى تۈزەپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تۇپراقنى قوغداپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋېلىش تۈرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، يېڭىدىن كۆپەيگەن سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋېلىش كۆلىمى 320 مىڭ مو يەرگە يېتىپ، پەسىللىك سۇلياۋ يوپۇق يىغىۋېلىش نىسبىتى %80 كە، بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتى %85 كە يەتكەن، يىللىق يېڭىدىن ئاشقان ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، كېرەكسىز سۇلياۋ يوپۇق دانچە ماتېرىياللىرى 1400 توننىغا يەتكەن.

  گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى جىنشىن ياڭگۇاڭ دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ يوپۇقتىن بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ بۇ تۈرنى كۆتۈرە ئېلىپ يولغا قويدۇق، بۇ تۈر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئېتىز-ئېرىقلاردىكى سۇلياۋ يوپۇقنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتقىلى بولۇپلا قالماي، كارخانىلارمۇ سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋېلىش جەريانىدا مەلۇم ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ.

  گۇچۇڭ ناھىيەسى گەرچە سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋېلىش سالمىقىنى ئاشۇرغان بولسىمۇ، ماشىنا ئارقىلىق سۇلياۋ يوپۇقلار بىلەن شاخلارنى ئايرىپ يىغىش ئامىللىرى تۈپەيلىدىن سۇلياۋلارنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاشقا ئامال بولمىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، گۇچۇڭ ناھىيەسى بۇ يىل يوپۇقلارنى بىيولوگىيەلىك پارچىلاشتەك بۇ «يېشىل» ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئۇسۇلىدىن پائال پايدىلىنىپ، ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، گۇچۇڭ ناھىيەسى نۆۋەتتە كەسپىي ماشىنا ئارقىلىق سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىش قوشۇنى قۇرۇپ، بىر كەسپىي سۇلياۋ يوپۇق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە يېزا-كەنتلەردە ئالتە يىغىۋېلىش تور نۇقتىسى قۇرغان؛ ئومۇملاشتۇرغان سۇلياۋ يوپۇقلارنى بىيولوگىيەلىك پارچىلاش، سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش كۆلىمى 4000 موغا يېتىپ، دۆلەتتىن بەرگەن سۇلياۋ يوپۇقلارنىڭ قالدۇقىنى يىغىش تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى 2 مىليون يۈەن بولغان. گۇچۇڭ ناھىيەسى سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋېلىش، توشۇش ۋە ئۇنىڭدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش تورىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىل ئاخىرىدا ئېتىز-ئېرىقلاردىكى سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋېلىش نىسبىتىنى %25 تىن ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى