تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئەركىن تەلئەت

  مەن پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەشكىلنىڭ يېتىشتۈرۈشى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمىغان بولاتتى. مەن پارتىيە رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشتە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئاممىنى يېتەكلەشتە ئۈلگە بولىمەن، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، قەتئىي ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولىمەن.

  بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭ يەنىلا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھەر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈۋاتىدۇ ۋە بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، ئۇلار ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ھە دەپ دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆزگەرتىپ، بىدئەت تەلىماتلارنى ئويدۇرۇپ چىقاردى، ھەتتا قارا قولىنى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە سۇندى. كادىرلار قوشۇنىغا يامان نىيەتلىك ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر يوشۇرۇنغان، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئېغىز – بۇرۇن يالاشتى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزگە زىيان يەتكۈزدى، ئۇلار مىللىي مۇناپىق، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشان ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومېتىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومېتىتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن.

  باشلامچىلىق بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىمەن. ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن. ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى بارلىق ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

  گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ياخشى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. بىز ھەرىكەتكە كېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومېتىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تۆھپە قوشايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى