تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى مەھەللىگە كىرىپ ئويۇن قويدى

  ئۆز مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، پىراكتىكانت ئالىيە تۇرغۇن فوتوسى، خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ياڭزىجياڭ يولى شەرقىي مەھەللىسىدە جىڭجۈي تىياتىرى-«قىزىل چىراغ»دىن ئارىيە ئورۇندالماقتا ئىدى، 65 ياشلىق ئاھالە ئابلىكىم قادىر تۇغقىنى نا جۇڭخۇا بىلەن رېتىمغا ئەگىشىپ قولىنى پۇلاڭلاتتى.

  5-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچى پىدائىيلار مۇلازىمەت كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى مۇزىكانتلار جەمئىيىتى، ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى، سېرىكچىلەر جەمئىيىتى، دراماتۇرگلار جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترەتلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ياڭزىجياڭ يولى شەرقىي مەھەللىسى ۋە لەنشيۇيۈەن مەھەللىسىدىكى 200دىن ئارتۇق ئاھالىگە بىر مەيدان ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى سوۋغا قىلدى. ئىككى مەھەللىنىڭ ئاھالىلىرى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ ئويۇن قويغىلى كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بالدۇرلا مەيدانغا كەلدى، 200دىن ئارتۇق ئورۇن تېزلا توشۇپ كەتتى. ئاھالە ئابلىكىم قادىر مۇنداق دېدى: «دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس شامىلنى كېلىدۇ دەپ ئاڭلاپ، ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ باققىلى، ئېيتقان ناخشىسىنى نەق مەيداندا ئاڭلاپ باققىلى كەلدۇق.» تۇغقىنى نا جۇڭخۇامۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن بولۇپ، ئويۇن باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئىككىسى بىرگە سۈرەتكە چۈشۈپ، قىزغىن پاراڭلاشتى.

  نومۇر كۆرسىتىش باشلانغاندىن كېيىن ياش ناخشىچى ساۋ شىنيۈ ئورۇنلىغان «تاغ-دەريالار» تاماشىبىنلارغا قاتتىق تەسىر قىلدى، ئۇ سەھنىدىن چۈشكەندە تاماشىبىنلار ئۇنىڭ بىلەن قوش قوللاپ كۆرۈشتى. «قول ماھارىتى شاھزادىسى» غەيرەت ئېزىزنىڭ نومۇرى ماھارىتى ناھايىتى قالتىس بولۇپ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەر بىر ھەرىكەتنى تاماملىغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى؛ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس شامىل شاكىر ئېيتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئويۇننىڭ ئاخىرىدىن سانىغاندا ئىككىنچى نومۇر بولۇپ، پائالىيەتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى، مۇزىكا ئاۋازى ئىچىدە كۆپچىلىك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىمۇ خۇشال، ئىناق كەيپىياتتا ئاخىرلاشتى.

  دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس شامىل شاكىر مۇنداق دېدى:«كۆپچىلىك ياقتۇرىدىغان ئەسەرلەرنى ئېلىپ مەھەللىگە كېلىپ، كۆپچىلىككە بىر مەيدان سەرخىل نومۇرلارنى قويۇپ بېرىپ، ئويۇن ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىلىرىنى چوڭ-كىچىك كوچىلاردا ياڭرىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرىمىز.»

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 5-قېتىملىق جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچى پىدائىيلار مۇلازىمەت كۈنى بولۇپ، مۇلازىمەت كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى باش تېمىنى چۆرىدەپ مول مەزمۇنلۇق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، زور بىر تۈركۈم ياشانغان، ئوتتۇرا ياش، ياش ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلىرى ئۈرۈمچى، قەشقەر، قومۇل قاتارلىق جايلاردا بىرلار ۋاقىتتا كۆپ خىل شەكىلدىكى باش تېما كۈنى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى يەنفاڭ مۇنداق دېدى:«ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ‹خەلقنى مەركەز قىلىش› خىزمەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئاممىنىڭ ئەتراپىغىچە يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىككە مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلدى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى