تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ كادىرى مۇقەددەس قاسىم

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، قەتئىي ھالدا يادرونى تونۇپ، يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادروغا بويسۇنۇپ، يادرونى قوغداپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن.

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ـــ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتىگە، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بىزنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈشىمىزنى خالىماي، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ئوچۇقتىن – ئوچۇق كىشىلەرگە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بىز بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايمىز، مەن بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە جەڭ ئېلان قىلىمەن. پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئادەم ۋە ئىشلارنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ ۋە ئېچىپ تاشلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىپ، ئۇلارغا يوشۇرۇنغىدەك جاي، قاچقىدەك ئورۇن قالدۇرمايمەن. مەن پارتىيەلىك كادىرلارغا خاس ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئاكتىپ، باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن. مەن پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەت، پولاتتەك ئېتىقاد بىلەن، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ۋەدەمنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەتنى تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى