تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

7-نۆۋەتلىك «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى»بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا مۇسابىقە رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

   شىنخۇ تورى خەۋىرى: 17-نۆۋەتلىك «خەنزۇتىلى كۆۋرۈكى» دۇنيا  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خەنزۇتىلى مۇسابىقىسىنىڭ بوسنىيە - گېرتسېگوۋېنا مۇسابىقە رايونىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى بوسىنىيە- گېرتسېگوۋېنا مەدەنىيەت مەركىزىدە ئاياقلاشتى. شەرقىي سارايېۋو داشۆسى خەنزۇتىلى شىسىنىڭ  ئىككىنچى يىللىقىدىكى ما دىڭكې بىرىنچىلىققا ئېرىشكەن بولۇپ، بوسنىيە - گېرتسېگوۋېنا مۇسابىقە رايونىغا ۋاكالىتەن، جۇڭگوغا بېرىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

   بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ باش تېمىسى «پۈتۈن دۇنيا بىر ئائىلە » بولۇپ، 12 ماھىر نۇتۇق سۆزلەش، جۇڭگو دۆلەت ئەھۋالى ۋە مەدەنىيىتىدىن زېھىن سىناش ۋە سەنئەت ماھارىتى كۆرستىش قاتارلىق ئۈچ باسقۇچ بويىچە چېمپىيۇنلۇقنى تالاشقان.

   ما دىڭكې مۇسابىقىدىن كېيىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىن باشلاپلا خەنزۇ تىلىغا مەستانە ئىدىم،  2016-يىلى 9-نۆۋەتلىك «خەنزۇتىلى كۆۋرۈكى» دۇنيا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خەنزۇتىلى مۇسابىقىسىنىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا مۇسابىقە رايونىدىكى مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدۇم، بۈگۈن يەنە بىر قېتىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇتىلى مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، ئۆزۈمدىن بەك پەخىرلەندىم. خەنزۇ تىلى ئۆگەنسە، ھەممە يەردە دوست تاپقىلى بولىدۇ!»

   جۇڭگونىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى  جوۋ يەن مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى : «جۇڭگو بىلەن بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى . ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى يېقىندا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ، بۇ بوسنىيە - گېرتسېگوۋېنادىكى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ.»

   شەرقىي سارايېۋو داشۆسى خەنزۇتىلى شىسىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇتقۇچى سۈي شيۇجۇڭ مۇنداق دېدى : «يېقىنقى يىللادىن بۇيان، بوسنىيە - گېرتسېگوۋېنادا خەنزۇتىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قوزغالدى، ياشلارنىڭ خەنزۇتىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.»  مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ۋۇ يالى ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسىنىڭ باھالاشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشى بىلەن شۇ جايدا ئېچىلغان ئالىي مەكتەپتە تەربىيەلىنىپ چىققان تۇنجى خەنزۇتىلى تىلشۇناسلىق ماگىستىرى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى