تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يان تېلېفوننى زەرەتلىگەندە، ئالدى بىلەن يان تېلېفوننى چېتىش كېرەكمۇ ياكى توك مەنبەسىنى چېتىش كېرەكمۇ؟

  ھازىر، كىشىلەر يان تېلېفوننىڭ توك سەرپىياتى قانچە ئۇزۇن بولىشىدىن قەتئىينەزەر، يان تېلېفوننىڭ زەرەتلەش سىمى (数据线) نى يېنىدا ئېلىپ يۈرىدۇ.

  ئالدى بىلەن يان تېلېفوننى زەرەتلەش سىمغا چېتىش ياكى زەرەتلەش سىمىنى توك مەنبەسىگە چېتىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشتىن ئىلگىرى، توكنىڭ سەكرىمە ئۆزگىرىشى (电涌) توغرىسىدا توختىلىمىز. توكنىڭ سەكرىمە ئۆزگىرىشى دېگىنىمىز نورمال ئېلېكتىر بېسىمىنىڭ پەيتلىك توك بېسىمىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، پەيتلىك ئىمپۇلس بېسىمى (瞬间脉冲电压) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

 ئېلېكتىر سايمانلىرى روزېتكا (排插) بىلەن تېگىشكەندە پەيدا بولغان ئوت ئۇچقۇنى دەل توكنىڭ سەكرىمە ئۆزگىرىشى، شۇ سەۋەبلىك بازارلاردا توكنىڭ سەكرىمە ئۆزگىرىشىگە قارشى روزېتكىلار پەيدا بولدى.

 بۇنداق بولغاندا، يان تېلېفوننى زەرەتلىگەندە ئالدى بىلەن يان تېلېفوننى زەرەتلەش سىمىغا چېتىش كېرەكمۇ ياكى زەرەتلەش سىمىنى توك مەنبەسىگە چېتىپ بولۇپ، ئاندىن يان تېلېفوننى زەرەتلەش سىمىغا چېتىش كېرەكمۇ؟

    زاۋۇت نۇسخىسى (原装) دىكى زەرەتلىگۈچ (充电器) نى ئىشلەتكەندە، زەرەتلىگۈچنى ئالدى بىلەن توك مەنبەسىگە چاتسىمۇ ياكى يان تېلېفوننى ئاۋۋال زەرەتلىگۈچكە چېتىۋالسىمۇ ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ.

  ئەمما زاۋۇت نۇسخسىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان ۋە باشقا زەرەتلىگۈچنى ئىشلەتكەندە تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق زەرەتلىگۈچنى ئىشلەتكەندە ئالدى بىلەن يان تېلېفوننى زەرەتلەش سىمىغا چاتقاندا، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئىمپۇلس بېسىمى پەيدا بولىدۇ. بۇ كۈچلۈك توك بېسىمى ئىمپۇلسى يان تېلېفونغا زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، يان تېلېفوننى زەرەتلىگەندە، مەيلى قانداق روزېتكا ياكى زەرەتلىگۈچ ئىشلىتىشتىن قەتئىينەزەر، ئالدى بىلەن زەرەتلىگۈچنى توك مەنبەسىگە چېتىپ ئاندىن يان تېلېفوننى چېتىش كېرەك، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا كۈچلۈك ئىمپۇلس بېسىمى پەيدا بولمايدۇ ھەم بىخەتەر.

  يان تېلېفوننى زەرەتلەپ بولغاندىمۇ ئوخشاش لوگىكا بويىچە، ئالدى بىلەن يان تېلېفوننى زەرەتلەش سىمىدىن ئاجرىتىۋېلىش كېرەك. چۈنكى زەرەتلىگۈچنى تارتقاندا، ئاسانلا تەتۈر يۆنىلىشلىك توك ئېقىمى ھاسىل بولۇپ، يان تېلېفوننى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى