تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى ــــ

  شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جەزمەن چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور سالماق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

  ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

  ئالتاي ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جالىن خاجىكېن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن ئالتە مۇھىم پىرىنسىپ بىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشىمىزدىكى تۈپ قوللانما. ‹‹تۆت ئاڭ››نى جەزمەن كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىياتنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ـــــ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ـــــ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق، دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئالتاينىڭ تېغىنىڭ دائىم يېشىل، سۈيىنىڭ دائىم سۈزۈك، ھاۋاسىنىڭ دائىم ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ‹‹بېيشىن›› يول – كۆۋرۈك گۇرۇھى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور ياڭ جۈن مۇنداق دېدى: ھازىر ‹‹بېيشىن›› يول – كۆۋرۈك گۇرۇھىنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن ئالتە مۇھىم پىرىنسىپنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدىكى ئورماننى قوغداش، چاڭ – توزاننى تىزگىنلەش، پاسكىنا سۇ ۋە قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۈكسەك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ‹‹گۈزەل جۇڭگو›› قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، بىرلىكتە ئاسمىنى كۆك، ھاۋاسى ساپ، ئىناق، دوستانە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلىمىز.

  بىڭتۈەندىكى ھەممەيلەن مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات يېڭى يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭدى. ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيە خەلققە پايدىلىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، گۈزەل بىڭتۈەن قۇرۇشنى تېزلەتتى.

  ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، مۇھىتنى تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شۈ يۈچۈن مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى كۆپ، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، بىز قاتناش – تىرانسپورت ساھەسىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل ئايلانما تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىش بىلەن بىللە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ‹‹يېشىل قاتناش›› ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش بىلەن سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئوخشاش سەۋىيەگە ئۆستۈرىمىز.

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جوۋ بەييەن مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق رايونلاردا تەڭ ئالدىنى ئېلىش، تەڭ تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق رايونلاردا ئاتموسفېرانى بۇلغايدىغان ماددىلارنى چىقىرىشقا ئالاھىدە چەك قويۇشنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاڭ – توزاننى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىرادە، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش پەن تەتقىقات يۇرتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جارقىن ئاقات مۇنداق دېدى: ھازىر بىز كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش لايىھەسى››نى تۈزۈۋاتىمىز. لايىھە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بىز قارلىق تاغ، مۇزلۇق، ئېگىزلىكتىكى توڭ تۇپراق، ئىنتايىن مۇھىم سۇ مەنبەلىرىنى ساقلاش رايونلىرى، ئىچىدىغان سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش رايونلىرى، دۇنيا تەبىئەت مىراسلىرى، تەبىئىيلىكى مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان رايونلار، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى ۋە مۇھىم سۇلۇق يەر قاتارلىق رايونلارنى ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى بويىچە باشقۇرۇش – تىزگىنلەش دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز.

  زور كۈچ سەرپ قىلىپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيە مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىمىز

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەنگەي تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پاختا بازىرى جەنۇبىي كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ياڭ خۇي 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى خۇشال ھالدا: تۈزەش ئارقىلىق تۇرمۇش مۇھىتىمىز ياخشىلاندى، كۆپچىلىك بۇنى ئالقىشلىدى، دېدى.

  بۇلتۇر 8 – ئايدا، پاختا بازىرى جەنۇبىي كوچىسى مەھەللىسىدىكى ‹‹يۇڭخۇڭ›› كەسمە چۆپ دۇكىنىدا كۈندە كۆمۈر قالىنىدىغان بولغاچقا، ئىس – تۈتەك ۋە چاڭ – توزان پەيدا بولۇپ، شامالدۇرغۇچتىن كۈچلۈك شاۋقۇن چىقىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزگەنىدى، ئامما بۇ مەسىلىنى مەركەزنىڭ 8 – قېتىملىق مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئىنكاس قىلدى. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ھازىر كەسمە چۆپ دۇكىنى تۈرلۈك مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش نوپۇس – بايلىق – مۇھىت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى كاڭ لىدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرىدىكى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، ‹‹دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش›› باش تېمىسىدىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا چارە – تەدبىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەزالار كېرەكسىز، كونا قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيەلەرنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش قاتارلىقلارغا قارىتا كۆزدىن كەچۈرۈش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرىدۇ.

  ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ خۇڭشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى كارخانىنىڭ بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش بوشلۇقى ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەت بىلەن، مۇھىت ئاسراش سېلىنمىسى سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، كارخانىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  (مۇخبىرلىرىمىز سۈي يۈنيەن، لۇ فېڭباۋ، جاڭ شياۋيەن، ۋاڭ يايۈن، لى ياڭ، جاۋ چۈنخۇا، شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ يەن، مېي لى، جى شياۋجېن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى