تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئەر-ئايال پىكىر ئالماشتۇرغاندا (2)...

ماتېرىيال سۈرەت

  6. ئاغزىنى قاتتىق قىلماسلىق كېرەك.

  ئەر-ئايال پىكىر ئالماشتۇرغاندا، بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلغان ياكى قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولسىمۇ، ئەمما يۈزىنى ئاياپ خاتالىقىنى ھەرگىز ئۈستىگە ئالماي جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ماجىرا ئۇلغىيىپ كېتىدۇ. ئەمما شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەر-ئايال بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئائىلە قۇرغان، ھەرگىزمۇ ئۇرۇشۇش-تالىشىش ئۈچۈن ئەمەس. شۇڭا بۇ ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا يېڭىش-يېڭىلىش مۇناسىۋىتى يوق، بولغان تەقدىردىمۇ ئىككىيلەن تەڭ ئۇتتۇرۇشى ياكى تەڭ ئۇتۇشى مۇمكىن. مەسىلە ھەل بولسا ئىككىلا تەرەپ ئۇتقان بولىدۇ. گەپنىڭ ئېنىقىنى ئېيتساق، جورىڭىزنىڭ تۇرمۇشى ياخشى ئۆتمىسە، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنىڭمۇ ياخشى ئۆتۈپ كېتىشى ناتايىن.

  7. سۆھبەتنى ئەدەپ بىلەن باشلاپ، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاقىلانە، ئەڭ گۈزەل پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى—باشلىنىشىدا تەمكىنلىك بىلەن سۆز باشلاپ، قارشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلىش، ئەدەپ-قائىدىلىك بولۇش، ئاندىن قائىدە-داۋلىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. ئەر-ئايالنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى خىزمەتداشلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئوخشاشمايدۇ، ناۋادا سىز پاراڭ ئاخىرلاشقاندا «سىز ھەممىدىن ياخشى جۇمۇ» ياكى «سىز بىلەن پاراڭلىشىپ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرسىڭىز، بۇمۇ سۆھبەتكە باشقىچە ئۈنۈم قوشىدۇ.

  8. قايتا بايان قىلىپ بېرىش تاكتىكىسىنى كۆپ ئىشلىتىش كېرەك.

  پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، قارشى تەرەپ كۆز-قاراشلىرىنى تولۇق ئېيتىپ بولالمايلا، ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىشكە ياكى ئۆزىڭىزنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىشقا ئالدىرىماڭ. ئۇنىڭ ئېيتماقچى بولغان سۆزلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى قايتا تەكرارلاپ ياكى يىغىنچاقلاپ، ئاساسىي مۇددىئاسىنى قايتا بايان قىلىپ بېرىڭ. بۇنىڭ ئاز دېگەندە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل پايدىسى بار: بىرى، قارشى تەرەپ سىزنىڭ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىدۇ. يەنە بىرى، چۈشىنىشنىڭ مۈجمەل بولۇپ، ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈچىنچىدىن، كەيپىيات جىددىيلەشكەندە بۇ ئۇسۇل پاراڭلىشىش رېتىمىنى ئاستىلىتىپ، ئىككى تەرەپكە كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ۋاقتى ئاجرىتىپ بېرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  9. يۇمۇرىستىك بولۇش كېرەك.

  يۇمۇرىستىك بولۇش بىر خىل پاراسەت. پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا يۇمۇرلۇق سۆزلەرنى مۇۋاپىق قىلىش جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، دۈشمەنلەرچە پاراڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەمما دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، يۇمۇرىستىك بولۇش مەسىلىنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى، كىنايە ئەمەس. يەنە كېلىپ يۇمۇرىستىك بولۇش قارشى تەرەپ نېمىلا دېسە كۈلكىگە ئايلاندۇرۇۋېتىشمۇ ئەمەس. بۇنداق بولغاندا جورىڭىز سىزنى سۆھبەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمايۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.

  10.پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك.

  بەزىلەر پاراڭلىشىشقىمۇ ۋاقىت تاللامدۇق، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئالدى بىلەن، باشقىلارنىڭ ئالدىدىلا مۇھىم پاراڭلارنى قىلىشماسلىق، ناتونۇش كىشىلەر كۆپ بولغان ئاممىۋى سورۇنلاردا، ئائىلىسىدىكىلەر بولۇپمۇ چوڭلار ۋە بالىلار ئالدىدا سۆھبەتلەشمەسلىك كېرەك. چۈنكى باشقىلار ئىككىيلەننىڭ سۆھبەتلىشىش روھىي-ھالىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەزىلەر باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ، قاتتىقلىق قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز ۋاقىتتا سۆھبەتلەشمەسلىك كېرەك. قارشى تەرەپ قاتتىق ئاچچىقلىنىۋاتقان، ئازاپلىنىۋاتقان ياكى قورقۇمسىراۋاتقان ۋاقىتتا تەسەللىيگە ياكى ئۆزى يالغۇز تۇرۇپ كەيپىياتىنى توغرىلىۋېلىشقا موھتاج بولىدۇ. بۇ چاغدا سۆھبەتلىشىش ئاقىلانىلىك بولمايدۇ. پىكىر ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى سىزنىڭ قانداق ھالەتتە، قانداق ئۇسۇلنى قوللىنىشىڭىزغا باغلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى