تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش

  يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا كۈچلۈك دولقۇن مەۋج ئۇرماقتا

  مۇخبىرلىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا، يۈەن لېي

شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى تاراش سېخىدا خىزمەت قىلماقتا.

  شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى 1980 – يىلى قۇرۇلغان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن دۆلەت تەستىقلىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ بىرى، ھازىر يىلىغا تۈرلۈك يۇڭ يىپ، ئارىلاش توقۇلغان گىرىپتىن 380 توننا پىششىقلاش ئىقتىدارىغا ۋە تۈرلۈك يۇڭ پوپايكا قاتارلىقلاردىن 850 مىڭ يۈرۈش ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىگە ئىگە.

  مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى

  ‹‹ئىسلاھاتتىن باشقا چىقىش يولى يوق››. 40 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغۋار مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

  ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە 40 يىللىق قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. قاتماللىقتىن ئېچىۋېتىشكىچە، قالاقلىقتىن ئىلگىرىلەشكىچە، نامراتلىقتىن بېيىشقىچە... شىنجاڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، چېگرا مۇداپىئەسى مۇستەھكەم بولغان، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، تۈرلۈك ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، مىسلىسىز غەيرەت ۋە كۈچ بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جاراڭلىق ئىسلاھات مارشىنى ياڭراتتى.

  مۇز يېرىپ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنى قەد كۆتۈرگۈزۈش

  شياۋگاڭ كەنتىدىكى دېھقانلار 1978 – يىلى يېزا ئىسلاھاتىنىڭ ئۇچقۇنىنى ئۇلغايتىۋاتقان پەيتتە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسى ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە باشلىدى: يەر ‹‹نورما ئاشلىقنى مەسئۇلىيەت ئېتىزىغا قوشۇۋېتىش›› ئۇسۇلى ئارقىلىق شەخسلەرگە تەقسىملەپ بېرىلدى. 2 – يىلى كۈزدە شور يەردىن كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان ھوسۇل ئېلىندى، ئىسلاھات ئۇرۇقىمۇ شىنجاڭ زېمىنىغا چوڭقۇر سېلىندى.

  شۇنىڭدىن كېيىنكى 40 يىلدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش خۇددى باھار شامىلىدەك تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى سىيپاپ ئۆتتى.

  1979 – يىلى، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، تۇرپاندىن ئىبارەت ئۈچ شەھەر، ناھىيە ئاۋۋال سىرتقا ئېچىۋېتىلدى؛ 1980 – يىلى، شىنجاڭدىكى تۇنجى جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا ــــ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. 1992 – يىلى مەركەز شىنجاڭغا چېگرا رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېتىبار سىياسىتى بەردى، شۇ يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى چېگرا يەرلىك ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمى ئىلگىرى سۈرۈلدى. زور بىر تۈركۈم شىنجاڭ كارخانىلىرى بۇ مەزگىلدە ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا بىلەن سودا قىلىشقا باشلىدى.

  ھوقۇقنى كېڭەيتىپ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، پايدىنى باجغا ئۆزگەرتىشتىن پاي تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىشقىچە، پىلانلىق ئىگىلىكتىن كەسكىن بازار رىقابىتىگىچە، ئاپتونوم رايوندىكى زور بىر تۈركۈم كارخانا مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋە كەسكىن بولغان دۆلەت ئىچى – سىرتى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، قىيىنچىلىقنى تەدرىجىي يېڭىپ، تەرەققىي قىلىپ زورايدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يېزا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك، مالىيە – باج، مەبلەغ، پۇل مۇئامىلە، ئوبوروت قاتارلىق ساھەلەردە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بىر قاتار ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى ئورنىتىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى كېڭەيتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە، بولۇپمۇ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئۇلۇغ تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم دەرۋازىسىغا ئايلاندى.

  40 يىللىق ئىسلاھات مۇساپىسىدە، كىچىكلىكتىن زورايغان شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئۈلگىگە ئايلاندى.

   ئەسلىي سانجى شەھەرلىك ئېلېكتىر تىرانسفورموتور زاۋۇتى بولغان ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىدە 1988 – يىلى ئاران 53 ئىشچى – خىزمەتچى بار بولۇپ، قەرزى 730 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. 40 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىسىدە، بۈگۈنكى ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى ئۆزگىرىپ، چوڭ سىغىملىق تىرانسفورموتور قاتارلىق ساھەدىكى تېخنىكا سەۋىيەسى خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ، مەھسۇلاتى بەش چوڭ قىتئەدىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىندى.

  ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىپ، شىنجاڭنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە سىياسىي ئەقىل – پاراسەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇمىيەت قارىشى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇر بىلەن پىلانلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات زور دولقۇنى قوزغىدى. شىنجاڭ مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە يېڭى ‹‹ئىسلاھات ۋاقتى››غا قەدەم قويدى.

  يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ۋە پارتىيەنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، ھەر ساھەدە بەلگە خاراكتېرلىك، تۈۋرۈك خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئاساسىي جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويدى. ‹‹تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك›› خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئاساسىي رامكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇردى، مۇھىم ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلاردا ئۈزلۈكسىز بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەردى.

  بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى باش قوللانما قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.

  ئاپتونوم رايون 2017 – يىلىلا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 13 قېتىم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچتى، ئىسلاھاتقا ئالاقىدار 21 مۇھىم ھۆججەتنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، بۇ ئىقتىساد، سىياسەت، ئىجتىمائىي ئىشلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق بىرنەچچە ساھەگە چېتىلدى، مەزمۇن جەھەتتە ھەرقايسى تەرەپنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ھەممىسىدە تۈزۈم تورىنى چىڭىتىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئىسلاھات ئۈچۈن تۈزۈم رامكىسى ئورنىتىلدى.

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادىي ھەرىكىتى سۈپىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. بۇلتۇر شىنجاڭدا 3 – كەسىپنىڭ ئېشىشى %9.8كە يېتىپ، 2 – كەسىپتىن 3.9 پىرسەنت پوئېنت، 1 – كەسىپتىن 4.2 پىرسەنت پوئېنت تېز بولۇپ، ئىقتىسادقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى يېرىمدىن كۆپرەك ئېشىپ، ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى 1 – ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۈنۈم ياراتتى، بولۇپمۇ غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارالىق يۈك پويىزىنىڭ ھەرىكەت كۆلىمى ۋە تۈرتكىلىك رولى مۆلچەردىكىدىنمۇ چوڭ نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، مەملىكەت ئىچىدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭدىكى غەربكە قاتنايدىغان پويىز 1 – سەپكە تىزىلدى.

  شىنجاڭنىڭ رايون ئىقتىسادىنى ئۇزاق ۋاقىت تەتقىق قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋاڭ نىڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. كۈندىن – كۈنگە گەۋدىلىنىۋاتقان رايون ئەۋزەللىكى بىلەن تەسىر كۆرسىتىش ئېففېكتى شىنجاڭنىڭ يېڭى ھالىتىنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا نامايان قىلدى ھەم شىنجاڭ ئىقتىسادىنى دۇنياغا سىڭدۈردى.

  شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قەدىمىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تېخىمۇ ئېنىق نىشان ۋە ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۆزىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى پىلانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىياتنى ئالغا ئىلگىرىلىتىپ گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىۋاتىدۇ...

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شىجۈن مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ ساداسىغا ئىسلاھات بىلەن جاۋاب بېرىمىز. ئىسلاھاتنىڭ مەقسىتى پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈشتۇر. خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتقاندىلا، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭلىقلارغا تونۇشلۇق بولغان ‹‹تىيانشان›› ماركىلىق تىۋىت پوپايكا شىنجاڭ كىيىم – كېچەك ساھەسىنىڭ ئىسىم كارتىسى بولۇپ، شىنجاڭلىقلار ‹‹تىيانشان›› ماركىلىق تىۋىت پوپايكىسى بولغىنىدىن پەخىرلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ توقۇلما كىيىم – كېچەك ئىگىلىكىنىڭ كۆلىمى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، تيەنخۇڭ، جىنشېڭ، خۇڭدوۋ، جىفا قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 100 كۈچلۈك توقۇلما كىيىم – كېچەك كارخانىسىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلدى، توقۇلما كىيىم – كېچەك ئىگىلىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايون، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي كۈچ بولۇپ قالدى.

  بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسلىق لىنىيە قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھەرقايسى خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى تۇنجى قېتىم تىرىليون يۈەندىن ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا ئاساسلىقى سانائەتنىڭ تۈرتكە بولۇشىغا تايىنىشتىن سانائەت ۋە مۇلازىمەت كەسپى ئورتاق يېتەكلەيدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى بەرپا قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئومۇميۈزلۈك ۋە چوڭقۇر بولغان ئىسلاھات مەنزىرىسى پۈتۈن شىنجاڭدا ئاستا – ئاستا نامايان بولماقتا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ‹‹پايدىسى›› ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى، ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

  ئەمەلىيەتنىڭ چېكى يوق، ئىسلاھاتنىڭ ئاخىرى يوق

  يۆنىلىش ئېنىق، يول ئوچۇق. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئىسلاھاتنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش›› تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ سەھىپىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر، ئېنىق پۈتۈۋاتىدۇ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يېڭى دەۋرگە قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ كۈچلۈك ساداسى ياڭرىغۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى