تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

دۆربىلجىن ناھىيەسى تۇنجى قېتىم ماشىنا ئارقىلىق شوخلا مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىكتى

  ئۆز خەۋىرىمىز: دۆربىلجىن ناھىيەسى بۇ يىل تۇنجى قېتىم ماشىنا بىلەن تېرىش شەكلى ئارقىلىق شوخلا مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىككەن بولۇپ، ناھىيە بويىچە 12 مىڭ مو يەرگە ماشىنا بىلەن شوخلا مايسىلىرى كۆچۈرۈپ تىكىلىپ، شوخلا تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %60 نى ئىگەللىگەن، ئۇرۇق تېرىش ۋاقتى بۇلتۇرقى مەزگىلدىكىدىن بىر ھەپتە ئالدىغا سۈرۈلۈپ، شوخلا تېرىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

  جاربۇلاق دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ گويۈەن كەنتىدىكى پەمىدۇر تېرىش نەق مەيدانىدا، بىر نەچچە شوخلا مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسى تەرتىپلىك ھالدا خىزمەت قىلماقتا ئىدى. مايسىلارنى كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسى شوخلا مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىكىپ بولغاندىن كېيىن، كۆچۈرۈپ تىكىلگەن شوخلا مايسىلىرى ناھايىتى رەتلىك، تەكشى كۆرۈنەتتى.

  جۇڭگو ئاشلىق تۈنخې پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى شوخلا مەھسۇلاتلىرى شۆبە شىركىتى خام ئەشيا سېخىنىڭ مۇدىرى ۋاك لۇڭجياڭ مۇنداق دېدى: ماشىنا ئارقىلىق مايسىلارنى كۆچۈرۈپ تىككەندە، تىكىلگەن مايسىلارنىڭ تۈپ ئارىلىقى ۋە ھەر مو يەردىكى تۈپ سانى مۇقىم بولۇپ، قولدا كۆچۈرۈپ تىككەنگە ئوخشاش كۆپ ئۆزگەرمەيدۇ، بۇ شوخلا مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن پايدىلىق.

  جاربۇلاق دېھقانچىلىق مەيدانى گويۈەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى چېن شىۋۇ ئائىلىسى ئون يىلغا يېقىن شوخلا تېرىش بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. بۇلتۇر ئۇ 460 مو يەرگە شوخلا تېرىپ، مايسىلارنى تىكىدىغانغا بىر ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلغانىدى. بۇ يىل، ئۇ 310 مو يەرگە ماشىنا ئارقىلىق شوخلا مايسىلىرىنى تېرىپ، ئۈچ كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بارلىق كۆچۈرۈپ تىكىش ئىشلىرىنى تاماملاپ بولدى. ئۇ ھېسابلاپ كۆرگەندىن كېيىن، ماشىنا ئارقىلىق كۆچۈرۈپ تىكىشنىڭ ئىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن پۇلنى تېجەپ قالغانلىقىنى بىلىپ خۇشال بولدى.

  چېن شىۋۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىز قولدا مايسىلارنى كۆچۈرۈپ تىككەندە ھەر مو يەرگە 150 يۈەندىن 160 يۈەنگىچە ئىش ھەققى كەتكەن ئىدى، بۇ يىل بىز ماشىنا ئارقىلىق شوخلا مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىكتۇق، بۇ خىل شەكىلدە ھەر مو يەرنىڭ تەننەرخى 120 يۈەن ئەتراپىدا بولدى، بۇ خىل شەكىلدە شوخلا مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىككەندە تەننەرخ، ۋاقىت ۋە كۈچنى تېجىگىلى بولىدىكەن.

  دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەۋزەل شوخلا ئۆستۈرۈش بايلىقى بار. شوخلا تېرىش جەريانىدا، ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى شوخلا ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىگە ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

  جۇڭگو ئاشلىق تۈنخې پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى شوخلا مەھسۇلاتلىرى شۆبە شىركىتى خام ئەشيا سېخىنىڭ مۇدىرى ۋاك لۇڭجياڭ مۇنداق دېدى: بىز ماشىنا ئارقىلىق شوخلا مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىكىشنى ئومۇملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تېجەپلا قالماي، يەنە دېھقانلارنىڭ شوخلا مايسىسى كۆچۈرۈپ تىكىشكە سەرپ قىلىدىغان تەننەرخى تۆۋەنلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ماشىنا ئارقىلىق شوخلا مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىككەندە مايسىلار بىر قەدەر ياخشى يېتىلىپ، تېز ئۆسىدۇ، تېرىقچىلىق ئومۇمىي پايدىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى