تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹پىكىر››نى بېسىپ تارقاتتى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا يېتەكچى پىكىر››نى بېسىپ تارقىتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  پىكىردە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى ياخشىلاشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم بېرىش››، ‹‹كۆرۈشمەي تۇرۇپ تەستىقلاش››، ‹‹دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش››، ‹‹بىر تامغا بىلەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش››،‹‹بىر ئىشىكلىك، بىر تورلۇق مۇلازىمەت›› قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىر – چارىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە قولايلىق يارىتىش جەھەتتە تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسى ۋە خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، كارخانىلار ۋە ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىشنى، ئىلتىماسقا ئاساسەن بېجىرىلىدىغان مەمۇرىي تەستىق ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئىشلىرىنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتى ئىدىيەسى، تۈزۈمى، ئىستىلىنى ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلامدىن ئىسلاھ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  پىكىردە يەرلىكنىڭ تىپىك تەجرىبە – ئۇسۇللىرىنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، سەككىز جەھەتتىكى ئىسلاھات ۋەزىپىسى ۋە كونكرېت تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىدە ‹‹دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يېقىن جايدا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش››نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. 2018 – يىلى 10 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆلكە بىرلىك قىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەردىن ‹‹تۆت بېجىرىش›› مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىققەتنى كارخانىلار ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بىر ئىشنى پەرقسىز قوبۇل قىلىش، ئوخشاش ئۆلچەمدە بېجىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ‹‹ئىسپاتلارنى ئازايتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش›› ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش كېرەك. كارخانىلار ۋە ئاممىغا ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرىدىغان ‹‹غەلىتە›› ئىسپات، ئايلانما ئىسپات، تەكرار ئىسپات قاتارلىق تۈرلۈك قۇرۇق ئىسپاتلارنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش كېرەك. تۆتىنچى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېجىرىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت زالىنىڭ ‹‹بىر كۆزنەكلىك›› فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ئۆستۈرۈپ، نىسبەتەن مەركەزلەشكەن مەمۇرىي ئىجازەت ھوقۇقى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. بەشىنچى، ‹‹ئالاقە تورى + مەمۇرىي مۇلازىمەت›› سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئېنىقلاپ ۋە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، سانلىق مەلۇمات يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلققە قولايلىق ئەمەلىي تۈرلەرنى ئېچىپ، تور ۋە تور سىرتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، خەلققە قولايلىق يارىتىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتى شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. يەتتىنچى، مەمۇرىي تەستىق ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى تۈرلىرىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى بازىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سەككىزىنچى، ئىش جەريانىدىكى ۋە ئىش تاماملانغاندىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.