شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 5-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى. شىنجاڭ لوپنۇر ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئارقىلىق ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ياۋا تۆگە تۈر توپى قۇرۇلمىسى بىر قەدەر مۇقىم، يېتىلگەن تۆگىلەر بىلەن كىچىك تۆگىلەرنىڭ نىسبەت قۇرۇلمىسى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، تەخمىنەن 600دەك ياۋا تۆگە بار ئىكەن.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ لوپنۇر ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارە 2013-يىلى ئىنفىرا قىزىل نۇردا قوزغىتىلىدىغان فوتو ئاپپارات كامېراسى ئارقىلىق ياۋا تۆگىلەرنى تەتقىق قىلىشنى يولغا قويغان. بۇ تۈر يولغا قويۇلغان تۆت يىلدىن بۇيان خىزمەتچىلەر ياۋايى ھايۋانلارنىڭ پائالىيەتلىرى مەركەزلەشكەن رايونلاردىكى توققۇز سۇ مەنبەسى نۇقتىسىغا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتىدىن 25نى ئورنىتىپ، ھەر ئۈچ-تۆت ئايدا بىر قېتىم سانلىق مەلۇمات توپلىغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ 20 مىڭ پارچىگە يېقىن سۈرىتىنى تارتقان بولۇپ، سۈرەتكە تارتىلغان ياۋايى ھايۋان تۈرى 20 خىلدىن ئاشقان، ئارىسىدا دۆلەت 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن تۆت خىل، دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن ئالتە خىل بار ئىكەن. سۈرەتكە تارتىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئالدىنقى بەش ھايۋان ياۋا تۆگە، تىبەت قۇلىنى، جەرەن، كۆكمەت، ئارقار بولۇپ، كۆزىتىشتە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، مۇھاپىزەت رايونىدىكى تىبەت قۇلىنى، بۆرە، ئارقار، كۆكمەت قاتارلىق ياۋايى ھايۋاننىڭ سانىمۇ ئاشقان.
شىنجاڭ لوپنۇر ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى شىنجاڭنىڭ قومۇل، تۇرپان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تۇتاشقان يەرگە جايلاشقان، كۆلىمى 61 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. مۇھاپىزەت رايونىدا ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن 45 ئائىلە 261 تۈر بار، ياۋا تۆگىدىن باشقا يەنە تىبەت ياۋا ئېشىكى، قار يىلپىزى، جەرەن، ئارقار، كۆكمەت، تارىم توشقىنى قاتارلىقلار بار.