تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگونىڭ تېببىي خادىملىرى نامىبىيەدىكى كۆزىگە ئاق چۈشكەن بىمارلارنى داۋالىدى

 «يورۇقلۇق يەتكۈزۈش» پائالىيىتىگە قاتناشقان جۇڭگولۇق دوختۇر 5-ئاينىڭ 15-كۈنى نامىبىيەنىڭ پايتەختى ۋىندخوك شەھىرىدەكۆزىگە ئاق چۈشكەن بىمارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: بېيجىڭ «شېخى» دوختۇرخانىسىدىكى بەش دوختۇر ۋە ئۈچ سېستېرا 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە نامىبىيەنىڭ ۋىندخوك شەھىرى ۋە شىمالىدىكى لۇندۇ رايونىدا «يورۇقلۇق يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، 200 چە كۆزىگە ئاق چۈشكەن بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلىشنى پىلانلىغان. ئېلىمىز تېببىي خادىملىرى يەنە نامىبىيە تەرەپ بىلەن ئىلىم ئالماشتۇرغان ھەمدە ئوپېراتسىيە مىكروسكوپى، ئۇلترا ئاۋازلىق ئەسۋابتىن پايدىلىنىش ئۈسكۈنىسى، كۆز بېسىمىنى ئۆلچىگۈچ قاتارلىق كۆپ خىل ئۈسكۈنىلەرنى يەرلىككە ھەدىيە قىلغان. بۇ قېتىمقى «يورۇقلۇق يەتكۈزۈش» پائالىيىتىدە بىمارلار ئۈچۈن قارا كۆزەينەك ۋە كۆز دورىسى قاتارلىق بۇيۇملار ئالاھىدە تەييارلىنىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىلگەن.

 «يورۇقلۇق يەتكۈزۈش» پائالىيىتىگە قاتناشقان جۇڭگولۇق دوختۇر 5-ئاينىڭ 15-كۈنى نامىبىيەنىڭ پايتەختى ۋىندخوك شەھىرىدە كۆزىگە ئاق چۈشكەن بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلماقتا.

 «يورۇقلۇق يەتكۈزۈش» پائالىيىتىگە قاتناشقان جۇڭگولۇق دوختۇر 5-ئاينىڭ 15-كۈنى نامىبىيەنىڭ پايتەختى ۋىندخوك شەھىرىدە كۆزىگە ئاق چۈشكەن بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى