ياز پەسلى يېتىپ كەلدى، نۇرغۇن ئادەملەر مېۋە- چېۋىلەرنى كۆپرەك ، ئاساسىي يېمەكلىكلەرنى ئازراق يېيىش ئارقىلىق يېمەك- ئىچمىكىنى تەڭشەيدۇ ھەمدە ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىدۇ. ئەمما مېۋە- چېۋىلەر سىز ئويلىغاندەك شۇنداق «ساغلام» مۇ؟ مېۋە-چېۋىلەر تەركىبىدىكى قەنت سىز ئويلىغاندىنمۇ يۇقىرى.
مېۋە-چېۋىلەردىكى « قەنت» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
ئىلمى نامى: كاربون سۇ بىرىكمىسى
قەنت ئاساسلىقى تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ: گلۇكوزا، فرۇكتوزا، ساخاروزا،كراخمال
ھەر خىل مېۋىلەر ئىچىدە قەنتنىڭ تۆت خىل تەركىبىنىڭ نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ.
مېۋىلەر ئىچىدىكى «قەنت» لەرنىڭ قايسىسى ئەڭ تاتلىق؟
فرۇكتوزا ئەڭ تاتلىق، ساخاروزىنىڭ 1.7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ساخاروزا، ئۈچىنچىسى، گلۇكوزا ، ساخاروزىنىڭ 0.7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقىسى، كراخمال، ئاساسەن تاتلىق تەمى يوق.
شۇڭا مېۋە-چېۋىلەرنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسىگە قاراشتا، مىقدارىغا قاراپلا قالماستىن، ئۇنىڭ نېمىلىكىگە قاراشمۇ ناھايىتى مۇھىم.
مېۋە-چېۋىلەردە بارى پەقەت تاتلىق تەملا ئەمەس.
قەنتنىڭ مىقدارى ۋە تۈرلىرى تاتلىق تەمگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، مېۋە-چېۋىلەردىكى باشقا تەركىبلەرنىڭمۇ تاتلىق تەمگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ.
چۈچۈمەل تەمنىڭ كېلىش مەنبەسى : لىمون كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتا
قىرتاق تەمنىڭ كېلىش مەنبەسى: تاننىن قاتارلىق كۆپ فېنول ماددا
قەنت تەركىبى يۇقىرى ئەمەس، ئەمما ناھايىتى تاتلىق مېۋىلەر
بۆلجۈرگەن، قوغۇن، ئۆرۈك، تاۋۇز، مۇگۇا، بۇلارنىڭ قەنت تەركىبى %10 كىمۇ يەتمەيدۇ.
قەنت تەركىبى يۇقىرى ئەمەس، ئەمما تەمى سەل چۈچىمەل مېۋىلەر
قىزىل چوڭ جۈزە، ياڭتاۋ، ياڭمېي
تاتلىق ئەمەس، لېكىن قەنت تەركىبى كۆپ مېۋىلەر
خولۇڭگو، تاتلىق ئەمەس، ئەمما قەنت تەركىبى %11 كە يېتىدۇ.
رېنشىڭگو، ھېچقانداق تەمى يوق بۇ مېۋىنىڭ قەنت تەركىبى %18 كە يېتىدۇ.
شەنجا ناھايىتى چۈچۈك، ئەمما قەنت تەركىبى %22 كە يېتىدۇ.
ھەم تاتلىق ھەم قەنت ماددىسى يۇقىرى مېۋىلەر
لىجى، بانان، لىيۇۋلىيەن، بولومى، بۇ مېۋىلەرنىڭ قەنت تەركىبى ئادەتتە %15 تىن يۇقىرى بولىدۇ.
مېۋە-چېۋىلەرنىڭ تاتلىق ياكى ئەمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر، مىقدارىنى كونترول قىلىش ئاچقۇچلۇق مەسىلە.
مەيلى قايسى خىلدىكى مېۋىنى تاللاڭ، ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش، كۈنلۈك مېۋە يېيىش مىقدارى 200 گىرامدىن 350 گىرامغىچە بولسا مۇۋاپىق.