تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە «پاكىزلىق قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلدى

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى 10 چوڭ ئەمەلىي ئىشىنىڭ بىرى بولغان پاكىزلىق قۇرۇلۇشىدا ھازىر تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يۆتكەپ توشۇش پونكىتىنىڭ ئورنىنى تاللاش خىزمىتى تاماملىنىپ، ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇش باشلاندى. پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، چوڭ تىپتىكى تۆت تۇرمۇش ئەخلىتى يۆتكەپ توشۇش پونكىتىنىڭ كۈندىلىك ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 4000 توننىغا يېقىنلىشىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) دىن ئىگىلىشىچە، ئەخلەتلەرنى يۆتكەپ توشۇش پونكىتلىرىدا سېسىق پۇراقنى يوقىتىش، ئەخلەتلەرنى پىرېسلاش قاتارلىق ئىلغار تېخنولوگىيەلەر قوللىنىلىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) نىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «ئەنئەنىۋى يۆتكەپ توشۇش پونكىتلىرىدا ئاساسلىقى سېسىق پۇراقنىڭ تارقىلىشى ئەتراپتىكى ئاھالىلەرگە مەلۇم تەسىر كۆرسىتەتتى. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى تۆت يۆتكەپ توشۇش پونكىتىدا تەتۈر بېسىمدا يىغىش، سېسىق پۇراقنى يىغىپ يوقىتىش تېخنىكىسى قوللىنىلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا تارقالغان سېسىق پۇراق ھىم، تەتۈر بېسىملىق يىغىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، سېسىق پۇراقنىڭ ئەتراپتىكى ئاھالىلەر رايونىغا تارقىىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ». شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېزىنفېكسىيەلەش، چىۋىن، چاشقان يوقىتىش قاتارلىق ئالاقىدار تەدبىرلەر قوللىنىلىدىكەن.

  ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتى كۈندىلىك مىقدارى 3000 توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئەخلەت يۆتكەپ توشۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش يۈكى ئىنتايىن ئېغىر. بېيجىڭ مۇھىت ئاسراش گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تاڭ چۇنخۇا مۇنداق دېدى: «تۈر قۇرۇلغاندىن كېيىن تۇرمۇش ئەخلەتلىرى چوڭ تىپتىكى ئەخلەت يۆتكەپ توشۇش پونكىتلىرىغا توشۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، دەسلەپكى قەدەمدە زىيانسىزلاشتۇرۇلۇپ، پىرېسلاپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئاخىرىدا بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى بولغان مىچۈەن-كۆكتاغ قاتتىق كېرەكسىز نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىغا توشۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىن شەكىللەنگەن 2-قېتىملىق بۇلغىنىشنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدا تېخىمۇ مۇھىت ئاسرىغىلى بولىدۇ».

  پاكىزلىق قۇرۇلۇشى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالماشتۇرۇپ توشۇشنى ئەلالاشتۇرۇش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم قىسىمى، بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى «زىيانسىزلاشتۇرۇش، ئازايتىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇش» نىشانىنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى