تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ناترىي بىكاربونات (ئىچىملىك سودا)نىڭ 12 خىل ئىشلىتىش قىممىتى (1)

    ناترىي بىكاربونات (يېمەكلىك سودا، ئىچىملىك سودا، 小苏打) نى نۇرغۇن كىشىلەر ئاڭلاپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ رولىنى ئانچە بىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. مەيلى ئىستېمال قىلىنىدىغان ياكى سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ناترىي بىكاربونات بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىنىڭ رولى ئىنتايىن كۆپ. ئىستېمال قىلىنىدىغان ناترىي بىكاربونات يېمەك-ئىچمەك، ئاشخانىغا مۇناسىۋەتلىك تازىلىق ئىشلىرىدا ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغىنى باشقا ئائىلە سايمانلىرىنى تازىلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:

    دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تازىلاش

    بىر قوشۇق يېمەكلىك سودا پاراشوكىنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، سۇنىڭ رەڭگى سېرىققا ئۆزگەرگەندىن كېيىن كۆكتات ياكى مېۋىنى يېمەكلىك سوداغا ئۈچ مىنۇت چىلىسا، كۆكتات، مېۋىدىكى دېھقانچىلىق دورا قالدۇقلىرى تولۇق چىقىپ كېتىدۇ.

    سېسىق پۇراقنى يوقىتىش

    يېمەكلىك سودا پاراشوكىنى قۇتىغا قاچىلاپ، قۇتىنىڭ ئېغىزىنى لاتا بىلەن ئېتىپ ئاسان پۇراق پەيدا بولىدىغان ئورۇنغا (توڭلاتقۇ، ئاياغ ئىشكابى، كىيىم ئىشكابى) قويۇپ قويسا سېسىق پۇراق يوقايدۇ (ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇلىدۇ). ھەر قانداق سېسىق پۇراقنى يوقاتقۇچى دورىدا مەركىزىي نېرۋىغا زىيانلىق خىمىيىلىك ئېرىتكۈچى تەركىب بولىدۇ، بەزى كىشىلەر سېسىق پۇراق يوقاتقۇچى دورىغا نىسبەتەن زىيادە سەزگۈر كېلىدۇ، پۇرىقىنى پۇرىغان ھامان بىئارام بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سېسىق پۇراق يوقاتقۇچنى ئاز ئىشلىتىشى ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا بەدەنگە زىيانسىز، بىخەتەر بولغان يېمەكلىك سودا پاراشوكىنى ئىشلىتىشى كېرەك.

    بۇستارتقۇنى تازىلاش

    يېمەكلىك سودا مەلھىمىنى بۇستارتقۇنىڭ مايلىشىپ قالغان ئورنىغا سۈرۈپ بىردەمدىن كېيىن سۈرتىۋەتكەندە ھەرقانداق جاھىل كىرلارمۇ چىقىپ كىتىدۇ. يېمەكلىك سودا مەلھىمىنى قۇرغاق ھەم شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئورۇندا ساقلاش، تۆكۈلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېمەكلىك سودا مەلھىمىنى زەھەرلىك بۇيۇملار بىلەن بىللە قويۇشتىن، بۇلغىنىپ كېتىشتىن، نەم تارتىپ قېلىشتىن ساقلاش، كىسلاتالىق بۇيۇملاردىن ئايرىش كېرەك.

    كىيىملەرنىڭ ياقىسى، يەڭ ئۇچىنى تازىلاش

    مۇۋاپىق مىقداردىكى ناترىي بىكاربوناتنى 50، 60 گرادۇسلۇق قىزىق سۇدا ئېرىتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئازراق قاتتىق سوپۇن سۈرۈپ ئۇۋۇلاپ يۇيغاندا كىرلار پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.

    ئۆي جاھازىلىرىدىكى موم قەلەم (蜡笔) ئىزىنى چىقىرىش

    كىچىك بالىلار موم قەلەم بىلەن كەلگەنلا يەرگە جىجاشقا، رەسىم سىزىشقا ئامراق كېلىدۇ. موم قەلەمنىڭ ئىزىنى سۇ بىلەن تازىلاپ چىقارغىلى بولمايدۇ. گەرچە سىر ئېرىتكۈچى بىلەن موم قەلەم ئىزىنى چىقىرىۋەتكىلى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا سۇۋالغۇ (تام ھاكلايدىغان سۇيۇقلۇق) تەڭ چىقىپ كېتىدۇ. ئەگەر چىڭ سىقىۋېتىلگەن ھۆل لۆڭگىگە ئازراق ناترىي بىكاربونات تەگكۈزۈپ، موم قەلەم ئىزىنى سۈرتكەندە، ئىزلار تولۇق چىقىپ كېتىدۇ ھەم ئائىلە سايمانلىرى زىيانغا ئۇچرىمايدۇ.

    كومپيۇتېر كونۇپكا تاختىسى، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئېغىزىنى ئاسراش

    كومپيۇتېر كونۇپكا تاختىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۈستىدە بىر قەۋەت تازىلاش تەس بولغان قارا كىرلار پەيدا بولىدۇ. لاتىنى ناترىي بىكاربونات سۈيىگە چىلاپ سىقىۋەتكەندىن كېيىن كومپىيۇتېر كونۇپكا تاختىسى، ئېلېكتىر ئۈسكۈنە ئېغىزىنى سۈرتۈپ ئاندىن يەنە بىر قېتىم سىقىۋېتىلگەن ھۆل لاتا بىلەن بىر، ئىككى قېتىم سۈرتىۋەتكەندە يېڭى ھالەتكە كېلىدۇ.

    يۇقىرى ئۈنۈملۈك كىر چىقىش دورىسى ياساش

    جۈزە شۆپىكىنى سۇدا تەخمىنەن 15 مىنۇت قاينىتىپ، سۇ بىلەن سودا پاراشوكىنى 1:200 نىسبەتتە تەڭشەپ، ئۈستەل ھەتتا بۇستارتقۇ، گاز ئوچاقلارنى سۈرتسە كىرلار تولۇق چىقىپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى