تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خېجىڭ ناھىيەسى: كىچىك توغاچ دېھقانلارنى بېيتقان «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندى

دېھقان گو جىلىننىڭ بېغىدىكى توغاچلار پىشتى.
    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاڭ يۈ خەۋىرى، فوتوسى: «بىزنىڭ توغاچلىرىمىز 1-ئايدا چېچەكلەيدۇ، 3-ئايدا مېۋە بېرىدۇ، 5-ئايدا بازارغا سېلىنىدۇ، 5-ئاي دەل يېڭى مېۋىلەر ئاز ئاي بولغاچقا، سودام ياخشى، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.» 5-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇخبىر گو جىلىننىڭ بېغىدىكى توغاچلارنىڭ پىشقانلىقىنى، گو جىلىننىڭ بىر تەرەپتىن توغاچ ئۈزگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن شۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىدى.

    گو جىلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى پارنىكلاردا شوخلا ۋە لازا ئۆستۈرۈلەتتى، بازار مۇقىم بولمىغاچقا، بۇنىڭ ‹خەتىرى› چوڭ ئىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن پارنىكتا توغاچ ئۆستۈردۇق، كىرىم مۇقىملاشتى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولدى».

    خېجىڭ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىنىڭ خېجىڭ بازىرى لابۇرۈن مەھەللىلەر كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر توغاچ تېرىشتىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، گو جىلىنگە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توغاچ غورىلىرىنى شالاڭلىتىش قاتارلىق تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ئۆگىتىپ، ئۇنىڭ غېمىنى يەڭگىللەتتى.

    گو جىلىن مۇخبىرغا: «توغاچلىرىمنى ئاساسەن ھەسەل ھەرىسى ئارقىلىق چاڭلاشتۇرىمەن، قىغلارنى ئوغۇت قىلىپ بېرىمەن، بۇنداق قىلغاندا بىر جەھەتتىن توغاچنىڭ قەنت مىقدارى يۇقىرىلايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن مېۋىنىڭ سۈپىتى ياخشىلىنىدۇ، توغاچ تۇنجى يىلى تىكىلسە ئىككىنچى يىلىلا مېۋىلەيدۇ، ئۈچىنچى يىلى مول ھوسۇل دەۋرى بولىدۇ، ئىككى پارنىكتىنلا ئىككى توننىغا يېقىن مېۋە يىغىۋالغىلى بولىدۇ، ناۋادا، بۇ يىلقى باھادا بىر كىلوگىرامىنى 13 يۈەندىن ساتسام، كىرىمىم 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن» دېدى.

   ئىگىلىنىشىچە، خېجىڭ ناھىيەسى دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، پەسىلگە قارشى مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتاتلار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرماقچى بولغان.  ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، ھەر يىلى دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان، ھەر قايسى جەھەتلەردە باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان باغۋەنلەرگە تولۇقلىما بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغان.

   تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىكتىن كىرگەن كىرىمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يەنە «بىر تۇتاش تىكىش تېخنىكىسى، بىر تۇتاش باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېھقانلارنى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن.

    نۆۋەتتە، خېجىڭ ناھىيەسىدە يەنە پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن توغاچ، گۈل، بۆلجۈرگەن، گىلاس، تاۋۇز، سەي-كۆكتات قاتارلىقلار تۈرلەر بولۇپ، دېھقانچىلىق بازىسىدا ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېىرپ، ئورگانىك زىيانسىز باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇپ، مېۋە، سەي-كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ياخشى ئاساس سالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى