تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

سېرىق رەڭلىك يېمەكلىكلەر ھورمۇن تولۇقلايدۇ

   خانىم – قىزلارنىڭ ساغلاملىقى بەدىنىدىكى ھورمۇننىڭ مىقدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھورمۇنلاردىكى ئۆزگىرىش خانىم – قىزلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېمەكلىكلەر ھورمۇن تولۇقلاشنىڭ مۇھىم مەنبەسى، بولۇپمۇ سېرىق رەڭلىك يېمەكلىكلەر خانىم – قىزلارنىڭ بەدىنىدە ھورمۇن ئاجرىلىپ چىقىشقا پايدىلىق بولىدۇ.

   ئادەم بەدىنى 70 خىلدىن ئارتۇق ھورمۇننى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ، ئۇلار ئادەم بەدىنىدە ئوخشاش بولمىغان روللارنى ئوينايدۇ. بەدىنىدىكى ھورمۇننىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى بولغان ئاياللار بەدىنىدىكى ھورمۇننىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەن بولغان ئاياللارغا قارىغاندا ياش كۆرۈنىدۇ.

   21 ~ 22 ياشلىق ۋاقىتلار ياشلىق باھارنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى ھالەتتە بولىدۇ. 25 ياشتىن باشلاپ ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئون يىلدا %15 لىك سۈرئەتتە كېمىيىپ بارىدۇ. بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ توقۇلمىلىرى تەدرىجىي قېرىپ يىگىلەشكە باشلايدۇ، تېرە كۆرۈنەرلىك نۇرسىزلىنىدۇ، روھىي كەيپىيات تەدرىجىي ناچارلىشىدۇ. 60 ياشقا كىرگەن ئاياللاردىكى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ياش ۋاقتىدىكىنىڭ بەشتىن بىرىچىلىك بولىدۇ.

   خانىم – قىزلاردا ھورمۇن يېتىشمىسە يۈرىكى سېلىپ نەپىسى يېتىشمەي قالىدۇ، ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، ھەتتا ئاسانلا چېچىلىپ قالىدۇ، كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن خىزمەتداشلىرى ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالىدۇ، بەزىدە ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنىمۇ كونترول قىلالماي قالىدۇ. كېچىدە ئۇخلىغاندا مەيدىسى چىڭقىلىپ ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ، ئېغىرراق بولغاندا قان بېسىمى بەزىدە ئۆرلەپ، بەزىدە تۆۋەنلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

   ئادەم بەدىنىدە ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىغىنى تال بولىدۇ. تال ئادەتتە سېرىق پۇرچاق، كاۋا، جۈزە، لىمون، كۆممىقوناق ۋە شياڭجاۋ قاتارلىق سېرىق ھەم تەبىئىي تاتلىقراق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. سېرىق يېمەكلىكلەر تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ئاشقازان – ئۈچەينىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، ماغدۇر تولۇقلاپ كۈچ – قۇۋۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئاياللاردىكى ھورمۇننىڭ كېمىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان تۈرلۈك ئالامەتلەرنى يەڭگىللىتىدۇ. بۇلاردىن باشقا سېرىق يېمەكلىكلەر يەنە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى يېنىكلىتىشكىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى