تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىخو فوشەن دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

   ئۆز خەۋىرىمىز. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، «جۇڭگو ساياھەت كۈنى». شۇ كۈنى، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى شىخو فوشەن دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى كىرىش بېلىتى ئالماسلىق قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

   شىخو شەھىرى فوشەن ئورمان باغچىسى دەيفۇسىڭ مەنزىرە رايونىدا خىلمۇخىل رەڭلىك كۈركۈم گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇ گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇردى.

   فوتوگراف ھەۋەسكارى ليۇ يۇڭجيەن مۇنداق دېدى : بۈگۈن جۇڭگو ساياھەت كۈنى، شىخو فوشەن دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىنىڭ ھەقسىز ساياھەت پائالىيىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، مەن كۈركۈم گۈللىرىنى سۈرەتكە تارتىپ، باشقىلارغا شىخو شەھىرىنى تەشۋىق قىلىمەن.

   كۈيتۈندىن كەلگەن ساياھەتچى مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلسا، ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدىكەن.

   خېنەن خۇاڭخې خەتتاتلىق، رەسساملىق  مەكتىپىنىڭ مۇدىرى جاڭ دايوڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىككى كۈندىن بۇيان شىخودا ساياھەتتە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى : شىنجاڭ ھەقىقەتەن بەك گۈزەلكەن، شىخو دەيفۇسىڭ مەنزىرە رايونىدا نۇرغۇن مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگەندىم، مەن بۇ جاينى دوستلىرىمغا تەشۋىق قىلىمەن.

    شۇ كۈنى فوشەن  ئورمان باغچىسى ئورماننى كېسىپ ئۆتۈش تۈرى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر گۈل مەنزىرىسى تاماشاسىنى ئاياغلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،  ئورماننى كېسىپ ئۆتۈش تۈرىنى سىنىماقچى بولدى.

   ساياھەتچى جاۋ مىن مۇنداق دېدى:  بۈگۈن ئورماننى كېسىپ ئۆتۈش تۈرىنى سىنىدىم، بەك خەتەرلىك ئىكەن، لېكىن بىر ئۆتكەلنى باسقاندىن كېيىن مەندە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى.

   شۇ كۈنى، شىخو فوشەن دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» دىكى ئېتىبار پائالىيەتلەر ئارقىلىق مەنزىرە رايونىنىڭ نام دەرىجىسى ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى