تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سەھەرنىڭ ھاۋاسى ئەڭ ساپ بولامدۇ؟

   كىشىلەر دائىم سەھەرنىڭ ھاۋاسىنى ناھايىتى ساپ دەپ قاراپ، سەھەردە سىرتقا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق ھازىرقى زامان تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا سەھەردىكى ھاۋانىڭ ساپ ئەمەسلىكى، بولۇپمۇ كۈن تېخى تولۇق چىقمىغان چاغدىكى ھاۋانىڭ ساپ بولمايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.    

   ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، بىر كۈن ئىچىدە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3 – 4كىچە ھاۋا ئەڭ ساپ بولىدىكەن؛ ئەتىگەن، كەچقۇرۇن ۋە كېچىدە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئېغىرراق بولۇپ، كەچ سائەت 7دىن ئەتىگەن سائەت 7گىچە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىكەن.

   ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى ھاۋادىكى ئوكسىگېن ۋە باشقا زىيانلىق گازلارنىڭ ئاز – كۆپلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئوكسىگېن قانچە كۆپ، زىيانلىق گازلار قانچە ئاز بولسا، ھاۋا شۇنچە ساپ، ئەكسىچە بولسا، ھاۋا شۇنچە ناچار بولىدۇ. ئوكسىگېن ئاساسلىقى يېشىل ئۆسۈملۈكلەردىكى كاربون تۆت ئوكسىدى ۋە سۇنىڭ يورۇقلۇق تەسىرى ئاستىدا فوتوسىنتېزلىنىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدۇ. كۈندۈزى يورۇقلۇق يېتەرلىك بولۇپ، فوتوسىنتېز ئاساسلىق رول ئوينايدۇ، ھاسىل بولىدىغان ئوكسىگېن كۆپ بولىدۇ؛ كەچتە يېشىل ئۆسۈملۈكلەردىكى فوتوسېنتىز توختايدۇ، بىراق تاڭ ئاتقىچە نەپەسلىنىشى ئوخشاشلا داۋاملىشىۋېرىدۇ. بۇ چاغدا باغچە ۋە ئورمانلىقلاردىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارى ئازراق، كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولىدۇ. شۇڭا سەھەردىكى ھاۋا سۈپىتىنى ئەڭ ياخشى دېگىلى بولمايدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، تاڭ ئاتاي دېگەندە، ھاۋادىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارى ئەڭ ئاز، كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ.

   ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن كىشىلەرگە سەھەرنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ساپتەك تۇيۇلىدۇ؟ ئادەتتە ھەممىمىز سەھەردە نىسبەتەن ئىللىق بولغان ئۆيلەردىن چىقىپ تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولغان ھاۋادىن نەپەسلىنىمىز، بەزىلەر بۇنى خاتا ھالدا ساپ ھاۋا دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ساپ ھاۋا بولماستىن سالقىن ھاۋا بولىدۇ.

   ھاۋانىڭ ساپلىق دەرىجىسى بىر كۈننىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلىرىدا ئوخشاش بولمايدۇ، ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ھاۋارايى ئامىلى بولىدۇ. كېچە ۋە كۈندۈزدە ۋېرتىكال تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ ئۆزگىرىشى روشەن بولۇپ، يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ھاۋا بوشلۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن يۇقىرى بولغاندا، يەر يۈزىدىكى ھاۋا يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇلغىما ماددىلارمۇ ھاۋا بوشلۇقىغا تارقىلىپ كېتىدۇ؛ يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن تۆۋەن بولغاندا، ھاۋادا ‹‹تەتۈر تېمپېراتۇرا قاتلىمى›› شەكىللىنىپ، يەر يۈزىدىكى ھاۋا يۇقىرىغا ئۆرلىيەلمەيدۇ ھەم ھاۋادىكى بۇلغىما ماددىلار تارقىلىپ كېتەلمەيدۇ. كاربون تۆت ئوكسىدى، گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدى ۋە بېنزوپىرېن قاتارلىق خىمىيەلىك بۇلغىمىلارنىڭ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ، بۇ خىل ماددىلار ئادەتتە يەرگە چۈشۈپ كەتمەستىن ئۇزاققىچە ھاۋادا لەيلەپ تۇرىدۇ. ئادەتتە سەھەر، كەچقۇرۇن ۋە كېچىدە ئاسانلا تەتۈر تېمپېراتۇرا قاتلىمى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا مۇشۇ ۋاقىتلاردا ھاۋا ئەڭ بۇلغانغان بولىدۇ. بۇ چاغدا سىرتتا چېنىقىۋاتقانلار دەل بۇلغىنىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتقان بولىدۇ، ھەرىكەت مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، زىيانلىنىش دەرىجىسى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. قۇياش چىققاندىن كېيىن يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېز ئۆرلەپ، تەتۈر تېمپېراتۇرا قاتلىمى تەدرىجىي يوقاپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇلغىما ماددىلار تېزلىكتە تارقىلىدۇ. ئادەتتە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردىن باشلاپ چۈشتىن كېيىن سائەت 3 – 4لەرگىچە بولغان ۋاقىتتا، يەر يۈزىدىكى ھاۋا ناھايىتى ساپلىشىدۇ. شۇڭا ئەتىگەنلىك چېنىقىشنى كۈن چىققاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىش، ياخشىسى ھاۋا ئەڭ ساپ ۋاقىتلارغا توغرىلاش كېرەك.

كېرەمجان ئىبراھىم تەييارلىغان
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى