تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما جۈن

   پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 20 نەچچە يىللىق خىزمەت مۇساپەمنى ئەسلەپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۆسۈپ يېتىلىشىم ۋە ئىلگىرىلىشىمنى پارتىيەنىڭ يېتىشتۈرۈشى ۋە تەربىيەسىدىن، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بىزنىڭ تىنچ، ئىناق تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن. مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، پوزىتسىيەدە كەسكىن بولۇپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى كونكرېت ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن،  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.  

   ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەمگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، كونكرېت خىزمىتىمدە، ئەمەلىي ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن.  

   تەشەببۇسكار، مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىدە قەتئىي ھالدا بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، تېشىم بىلەن ئىچىمنى بىردەك قىلىپ، ئاتاكىغا ئۆتىمەن. كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىمەن، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

   مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئالىمەن. قەتئىي ھالدا مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمىتىمگە سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، ‹‹خەلق ئىشلىرى خىزمىتىدە خەلقنى كۆزلەش، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىدە خەلقنى سۆيۈش›› خىزمەت ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل  ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ھەر مىللەت ئاممىغا ھەقىقىي تۈردە ئىنچىكە، ئەستايىدىل، دەل جايىدا يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيمەن.       
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى