تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى قەيسەر جەڭچى بولىمەن

قاراماي شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەركىن سەمەت

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ۋەتەننى پارچىلاش ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى مەقسىتى. تارىخ شۇنى قايتا – قايتا ئىسپاتلىدىكى، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــــ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز، جەزمەن بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، پوزىتسىيەدە كەسكىن بولۇپ، ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

    ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەر بىر پۇقرانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، ۋەتەننى پارچىلايدىغان ھەر قانداق قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرىمەن. مەن تۈرلۈك ناچار پىكىر ئېقىملىرىنى ئاڭلىق توسۇپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تار مىللەتچىلىك خاھىشىنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلايمەن.  بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن پۇختا مۇداپىئەلىنىمەن، ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىمەن.

   مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دائىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر باش نىشاننى قەلبىمگە پۈكۈپ، باش نىشاننى زىممەمگە ئېلىپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتۈشنىڭ ئاۋانگارتلىرى، ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن.

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي قوغدايمەن. ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشقا پائال يېتەكلەيمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى، يۇرتىمىزدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە ئاڭلىق ھالدا قەتئىي قارشى تۇرىمەن. ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرىمەن. كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاق، مۇقىم  ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

   مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق ساداقىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تىغمۇتىغ ئەڭ قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى قەيسەر جەڭچى بولىمەن، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ ئۆزىنى نامايان قىلالايدىغان، ھالقىلىق پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتەلەيدىغان، ھايات – ماماتلىق پەيتتە پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى