ئۆز خەۋىرىمىز: ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئەڭ يېڭى سۇ رايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شىمىگو دەرياسىنىڭ شىمىگو رايونىدىكى بۆلىكىنىڭ سۇ سۈپىتى دۆلەت Ⅲ تۈرلۈك سۇ سۈپىتى ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇپ، دۆلەت مەنزىرە سۈيى ۋە يېزا ئىگىلىك بويىچە سۇغىرىش سۈيى تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان.
شىمىگو دەرياسىنىڭ شىمىگو رايونىدىكى بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 17.5 كىلومېتىر بولۇپ، شىمىگو دەرياسىدىكى بۇ ئۆزگىرىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان دەريا باشلىقى تۈزۈمىدىن ئايرىلالمايدۇ. شىمىگو رايونىدىكى ھەر قايسى تەۋەلىكنى باشقۇرۇش كومىتېتلىرى (كوچا باشقارمىسى)نىڭ شىمىگو دەرياسىنى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇشى، شىمىگو رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بىرلىشىپ باشقۇرۇشى، دەريا باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسىنىڭ بارلىق تارماقلارغا بىر تۇتاش ئىش تەقسىملىشى نەتىجىسىدە دەرياغا قانۇنسىز بۇلغىما قويۇپ بېرىش، قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىش، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر تىزگىنلەندى.
ۋېيخۇلياڭ تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى چاڭشېنشياڭ مەھەللە كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ گۇاڭۋېي مەھەللىنىڭ دەريا يوللىرىنى چارلاش خادىمى بولۇپ، كۈندە سائەت 9 دىن 19 غىچە ئىككى قېتىم دەريا چارلاش ئۇنىڭ كۈندىلىك ۋەزىپىسى. ئۇ مۇنداق دېدى : كىشىلەر ئەخلەتنى ئاز تاشلايدىغان بولدى. سۇ سۈپىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، مەن دەريادا بېلىقلارنىڭ ئۈزۈپ يۈرگەنلىكى كۆردۈم، ئۇلار بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىمىگو باغچىسىدىن ئۈزۈپ كەپتۇ.
دەريا باشلىقى تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىمىگو رايونى دەريا بويلىغان جايلارنىڭ مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، بۇلغىنىشنى تۈزەش ۋە بۇلغىنىشنى توسۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىمىگو دەرياسىنى بويلىغان بارلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزلىرىنى توسۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شىمىگو رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى مۇھىت تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى شېن پىڭفەن مۇنداق دېدى : ئېكولوگىيە ياخشىلانسا مەدەنىيلىك گۈللىنىدۇ. ئېكولوگىيە ناچارلاشسا مەدەنىيلىك خارابلىشىدۇ. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەلقنىڭ ئەڭ چوڭ بەخت-سائادىتى. ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە پايدا يارىتىش، ئېكولوگىيەنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق ئاممىسىنى قولاي ۋە ئەلا ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش لازىم.