تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى

  ئۆز خەۋىرىمىز. باش ياز ئايلىرىدا، چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى يايلاققا يازنىڭ تۇنجى قەدىمى يېتىپ ئەڭ گۈزەل تۈسكە كىرىپ، كىشىدە خۇددى سىزما رەسىم قوينىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلدى. كەڭ كەتكەن يايلاق، ئېگىز تاغ باغرىدىكى جىلغىلار يېشىللىققا پۈركىنىپ، ھەر خىل ياۋا گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىپ، زىلچە گىلەم يېيىتىلغاندەك گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى. بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى گۈزەل يايلاق ئېسىل چارۋىچىلىق مەيدانى شۇنداقلا پىيادە ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ ياخشى جايى.

  (ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى