تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

يېڭى دەۋرنىڭ ئەڭ گۈزەل كارتىنىسى سىزىپ چىقىلدى

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا

  40 يىل ئىلگىرى باشلانغان ئىسلاھات دولقۇنى كۈچلۈك مەۋج ئۇرۇپ، شىددەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش يۈز بەرمەكتە.

  40 يىلدىن كېيىنكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىش يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىغا ئايلاندى.

  5– ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن 19 –كۈنىگىچە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى  ــــ شېنجېنغا بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى بۇ ئاۋانگارت شەھەرنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا قانداق قىلىپ يەنە بىر قېتىم باشلامچىلىق بىلەن ئەڭ گۈزەل كارتىنىنى سىزىپ چىققانلىقىنى ھېس قىلدىم.

   تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغاتتى

  شېنجېن چيەنخەيدە ئىلگىرى دېڭىزدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى، ھازىر بۇ جايدا يېڭى بىر شەھەر قەد كۆتۈردى.

  چيەنخەي شېكوۋ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى ۋە چيەنخەينى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ــــ مەركەزنىڭ يېڭى دەۋردە ئومۇمىيەت ئىستراتېگىيەلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2012 – يىلى 12 – ئايدا شېنجېننى كۆزدىن كەچۈرگەندە: چيەنخەي ئەڭ ئېسىل جەۋھەرلەر يىغىلغان يادرولۇق موتور، ‹‹شياڭگاڭغا تايىنىش، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، دۇنياغا يۈزلىنىش›› ئارقىلىق، بىر پارچە ئاق قەغەزگە ئەڭ گۈزەل كارتىنا سىزىپ چىقىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ كۈچلۈك دەۋر ساداسى ياڭرىدى.

  شېنجېن ‹‹ۋېيفۇ›› ئەقلىي ئۇچۇر پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى لى چاۋ 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتە بۇ جاينى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب، بۇ جاينىڭ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش سىياسىتى بولغانلىقىدىلا بولماستىن، بەلكى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە نۇرغۇن يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىدا، بۇ تەدبىرلەر كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى پايدىلىق.

  تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىش، سىناشقا جۈرئەت قىلىش، دادىل ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. چيەنخەي شېكوۋ ئەركىن سودا رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تارقىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جياۋ ۋېي مۇنداق دېدى: بىز يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىسلاھاتتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە ماس ھالدا تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىۋاتىمىز. ھازىرغىچە چيەنخەي شېكوۋ تەۋەلىك رايونىدا تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىدىن 358ى يولغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەت بويىچە تۇنجى يارىتىلغان ياكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نەتىجە 133 كە يېتىپ، توققۇز نەتىجە مەملىكەت بويىچە ئەينەن ئومۇملاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ جاي ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەجرىبە ئېتىزى››لىق رولىنى تولۇق نامايان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى.

  تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ــــ چيەنخەي شېكوۋنىڭ سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىگە زور دەرىجىدە تۈرتكە بولۇپ، ئۇنى دۆلىتىمىزدىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى رايونغا ئايلاندۇردى. 2012 – يىلىدىن بۇيان، تەۋەلىك رايوندا رويخەتكە ئېلىنغان كارخانا 5215 تىن 2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ ئاخىرىدا 168 مىڭ 600گە يېتىپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %99.5كە يەتتى. 2018 – يىلى 1 – ئايدىن 3 – ئايغىچە، چيەنخەي شېكوۋ تەۋەلىك رايونىدىكى رويخەتكە ئېلىنغان كارخانىلار ياراتقان قوشۇلما قىممەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %23.2كە يېتىپ، 11 مىليارد 715 مىليون يۈەن باج كىرىمى يارىتىلدى.

  چيەنخەيدىن ئىبارەت ‹‹ئالاھىدە رايون ئىچىدىكى ئالاھىدە رايون›› بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئىشنى بىر سازلىقتىن، نۆلدىن باشلاپ، يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، يىلسېرى ئۆزگىرىپ، تېز قەد كۆتۈرۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى يېڭى شەھەر رايونىغا ئايلاندى.

  ‹‹چيەنخەي ئەندىزىسى›› پۈتۈن مەملىكەتتىكى جايلارنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىسى ۋە ئۆرنىكى بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەر يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلمەكتە. شىنجاڭ ‹‹ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش››تىن ئىبارەت يادرونى چۆرىدەپ، 2017 – يىلى ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش››تىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ تەڭ تۇتۇپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 127 تەستىق تۈرىنى چۈشۈرۈپ بېرىپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە ھاۋالە قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھا ياكى يېتەكچى باھاغا چېتىلىدىغان كارخانىلار تىجارەت مۇلازىمىتى ھەق تۈرى نىسبىتىنى %45.2كە كېمەيتتى. ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ ‹‹قىسقارتىلىشى›› بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى، 2017 – يىلى شىنجاڭدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 708 بازار سۇبيېكتى بارلىققا كەلدى.

   كىشىلەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشقا قايتا ئاتلىنىش تارىخىي تۈگۈنىدە تۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

   ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلدى

  ‹‹بىيادى›› پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ چەت ئەل ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشلىرى ۋە ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتى ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى لو خاۋ 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنى مۇنداق دېدى: ھازىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى 100 نەچچە مىڭغا يەتتى، يېشىل تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ مەڭگۈلۈك نىشانىمىز.

  مەن 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنى شېنجېن شەھىرىنىڭ پىڭشەن يېڭى رايونىغا جايلاشقان ‹‹بىيادى›› پاي چەكلىك شىركىتى باش ئىشتابىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان بىر يۈرۈش يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى كۆردۈم. لو خاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ‹‹بىيادى›› شىركىتى ئاپتوموبىل ساھەسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى، رېلىسلىق قاتناش ساھەسىدە ئارتىلما تاق رېلىسنى تەرەققىيات يۆنىلىشى قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىستېرېئولۇق يېشىل چوڭ قاتناش بەرپا قىلىپ، شەھەرلەرنىڭ ‹‹قاتناش قىستاڭچىلىقىنى تۈزەش››كە ئەقلىي جەھەتتىن تۆھپە قوشۇدىكەن. ھازىر بۇ شىركەت تەتقىق قىلىپ چىققان بۇلۇت رېلىسى(بوشلۇق رېلىسى) يىنچۈەن شەھىرىدە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا، 20 نەچچە شەھەر بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىغان، چەت ئەللەرنىڭ بىر قانچە شەھىرى بىلەنمۇ ھەمكارلاشقان.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت، دەپ كۆرسىتىلدى. ھازىر ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىدە كەڭ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. شىنجاڭدا ئۈرۈمچى، قومۇل، شىخەنزە، خوتەن قاتارلىق جايلار ئەنئەنىۋى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوبۇسلارغا ئالماشتۇرۇشقا يۈزلەنمەكتە، قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي گازلىق ئاپتوبۇس قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ.

  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ 13 – بەش يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى››غا ئاساسلانغاندا، 2020 – يىلىغا بارغاندا شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 30 مىڭدىن ئېشىپ، ئاپتوموبىل سانائىتىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇمىي نىسبىتى %30تىن يۇقىرى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلىدىكەن؛ ياسالغان سودا ئاپتوموبىللىرى ۋە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ نىسبىتى %30تىن ئاشۇرۇلىدىكەن؛ توكلۇق ئاپتوموبىل ياساشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى شەكىللەندۈرۈلىدىكەن.

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، يۇقىرى نۇقتىدىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تىرەك بولۇش رولى شەكىللەنمەكتە، بۇلار ئىقتىسادتا غايەت زور ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

   ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى نامايان قىلدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىدۇكى، ھەرگىز تاقىۋالمايدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى ئېچىۋېتىش – ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلار ئىچكى – تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  2013 – يىلى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا ئىشىكنى ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش يېڭى پۇرسىتى يارىتىلدى. چيەنخەيدە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ تىرەكلىك رولى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى. چىيەنخەي شېكوۋ ئەركىن سودا رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسىدىكى 37 دۆلەت چيەنخەي شېكوۋ ئەركىن سودا رايونىدا 281 كارخانا قۇرغان بولۇپ، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 11 مىليارد 628 مىليون يۈەنگە يەتكەن. چيەنخەيدىكى كارخانىلار ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسىدىكى 15 دۆلەتتە جەمئىي 41 كارخانا(ئاپپارات) تەسىس قىلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ كېلىشىمدىكى سېلىنما سوممىسى 1 مىليارد 222 مىليون دوللارغا يەتكەن.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› يەنە ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىغىمۇ يېڭى تەرەققىيات ئەۋزەللىكى يارىتىپ بەردى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭدا، نۇرغۇن كارخانا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ خەلقئارالىشىش قەدىمىنى تېزلەتتى. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ‹‹چىقىرىش›› ئىستراتېگىيەسىدە ئالدىدا ماڭغۇچىلاردىن بىرى بولغان ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئاچتى ۋە ئۇنى سىرتقا ئېچىۋەتتى، بۇ كارخانىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا، روسىيە، ھىندىستان قاتارلىق 70 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىردى، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، فىلىپپىن قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى ئېلېكتىر تورى، ئېلېكتىر مەنبەسى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈرۈشلۈك تۈرلەرنى ئومۇمىي ھۆددىگە ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ‹‹جۇڭگو جابدۇقچىلىقى››دىن ‹‹دۇنيا جابدۇقچىلىقى››غىچە بولغان ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دا ‹‹شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى››نىڭ نۇرىنى چاقناتتى.

  ئىشىك كەڭ ئېچىۋېتىلىپ، گۈزەل كەلگۈسى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە يارىتىلدى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، 80دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلات جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئېچىۋېتىش، تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئۆزگىرىش ياساش، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىسەك، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.