تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كېرەك

ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىگە، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور سالماق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ.

   ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا، ئالدى بىلەن ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، جەڭنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بۇ، بىر مەيدان چوڭ جەڭ، قاتتىق جەڭ، قىيىن جەڭ، شۇڭا چوقۇم پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك››. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىشىدا يۈز بەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈپ ئاساسى بولدى. ‹‹ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بېسىم گىرەلەشكەن، ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ ئىلگىرىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىرگەن، شۇنداقلا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش شارائىتى ۋە ئىقتىدارى ھازىرلانغان كۆزنەك مەزگىلىگە قەدەم قويغان›› مۇھىم ھالقىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيە مۇھىتىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يول خەرىتىسى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. جايلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھىنى ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا نامايان قىلىشى كېرەك.

   ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا، ‹‹ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار››نىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتىكى 1 – مەسئۇل كىشى بولۇپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ باش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇلار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى، چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى ئۆزى بىۋاسىتە سۈرۈشتۈرۈشى، مۇھىم ھالقىلارنى ئۆزى بىۋاسىتە ماسلاشتۇرۇشى، مۇھىم دېلولارغا ئۆزى بىۋاسىتە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇدرەتلىك بىرلەشمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

   ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا، تەكشۈرۈپ باھالاشتىن ئىبارەت بۇ ‹‹دىرىژورلۇق تايىقى››دىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ‹‹جازالاش ۋە مۇكاپاتلاشنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەپ، رەزىللىكنى جازالاش››. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئاشۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھەقىقىي سۈرۈشتۈرىدىغان، دادىل سۈرۈشتۈرىدىغان، قاتتىق سۈرۈشتۈرىدىغان، ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرىدىغانلا بولساق، تۈزۈم ‹‹قارانچۇق››قا، ‹‹قەغەز يولۋاس››قا، ‹‹رېزىنكە بوغقۇچ››قا ئايلىنىپ قالمايدۇ. ئىلمىي، مۇۋاپىق تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى مۇكاپاتلاش، جازالاش ھەم ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلغاندىلا، توغرا يۆنىلىشنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ پولات قوشۇنىنى قۇرۇپ، سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، مەسئۇلىيەتچان، جاپاغا ئالاھىدە چىدايدىغان، جەڭ قىلىشقا، تۆھپە قوشۇشقا ئالاھىدە ماھىر بولغاندىلا، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن پۇختا تەشكىلىي ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

   ئېكولوگىيەلىك مۇھىت پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ئاساسىي مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىجتىمائىي مەسىلە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تىرەككە، دۆلىتىمىزنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تېغىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزسەكلا، چوقۇم دەۋرگە، خەلققە، تارىخقا مۇناسىپ نەتىجىلەرنى يارىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى تېلېگراممىسى)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى