تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدىكى قارارى

(2018–يىلى 5–ئاينىڭ 15–كۈنى سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2–قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ماقۇللاندى)

   يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بىر يۈرۈش بىرىكىمە مۇشت››نى كۈچەپ ياخشى ئېتىپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئومۇمىيەت مۇقىم، ۋەزىيەت كونترول قىلىنغان، يۈزلىنىش ياخشى بولغان ھالەت بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە باش نىشان ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋەزىيىتى يېڭى تۈسكە كىردى، كادىرلار، ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەزىيىتى يېڭى تۈسكە كىردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بىز تەستە قولغا كەلگەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئادا قىلىش مەسئۇلىيىتىمىزنى كۈچەيتىپ، خىزمەت نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

   ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيەدە ھەر تەرەپلىمە بىلىملەرنى ئىگىلەش، ئىدىيەدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك، ھەرىكەتتە چىڭ تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەزەرىيەنى كەڭ كۆلەمدە ھەقىقىي ئۆگىنىش، ئىدىيەدە كەڭ دائىرىدە ھەقىقىي قوراللىنىش ئارقىلىق خىزمەت سۈپىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، يادرونى تونۇش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا بويسۇنۇش، يادرونى قوغداش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارى بويىچە قەتئىي ئىش قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەنئى قىلغاننى قەتئىي قىلماسلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بارلىق ھەرىكەتلەردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

   ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئاكتىپ كۈچنى كەڭ تارقىتىپ، باش نىشاننى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ، زىممىسىگە يۈكلەپ، قولىدا تۇتۇپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى چوقۇم ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق زور مەسىلىلەردە كۈرەش قىلىشقا، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشقا، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى قوغدىشى كېرەك. ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نى ياخشى قىلىش، ‹‹ئۈچ بىرلەشمە ھەرىكەت››نى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، مەسىلە ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشى، ئاممىۋى خىزمەت، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش، چېگرا باشقۇرۇش – كونترول قىلىش، تور باشقۇرۇش، ئېكولوگىيە ساھەسى، ئاساسىي قاتلام ئاساسى قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە دېموكراتىك نازارەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتا، سەزگۈر نۇقتا قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلاردىكى خەتەردىن ساقلىنىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا ئالدىنى ئېلىش، خىزمەتلەرنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش، كۈچلۈك چۆچۈتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا ۋە مۇھىم ساھەگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، گاڭگىراشنى تۈگىتىش، كەيپىياتنى تەڭشەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت خىزمەتلەرنى بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

   ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1 – سېپىگە ئاتلىنىپ، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسىنى قەتئىي ياڭرىتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىشتەك ئادىللىق ساداسىنى ياڭرىتىپ، مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن، مەيلى قەيەردىن كەلگەن بولسۇن، مەيلى قايسى خىزمەت ئورنىدا بولسۇن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدە باشتىن – ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، تونۇشى بىردەك، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك، پوزىتسىيەسى قەتئىي، قەدىمى بىردەك بولۇشى؛ ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم››دىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنى قەتئىي يوقىتىشى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل سەپسەتىسىنى قەتئىي تەنقىدلىشى، ھەر خىل خاتا قاراش ۋە گەپ – سۆزلەرگە قەتئىي زەربە بېرىشى، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئادالەتنى ياقلاپ، ناھەقچىلىكنى يوقىتىپ، تار مىللەتچىلىكنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، قەتئىي ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› قىلماي، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردىن بولماي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشى كېرەك.

   ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى قىلچە تەۋرەنمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت دەپ بىلىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئاممىۋى ئاساسنى پۇختىلىشى كېرەك. مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يادرولۇق تەدبىر دەپ بىلىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى››، ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈش، ئامما ئارىسىغا بېرىش، تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى چىڭىتىپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداشتىكى پولات سېپىلنى پۇختىلىشى كېرەك. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، ‹‹ئۈچ كىرىش، ئىككى ئالاقىلىشىش، بىر دوستلىشىش››، كادىرلار مائارىپقا ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنتلەرنى ھۆددە ئېلىش، كەنتتە تۇرۇش، ئائىلىلەرنى ھۆددە ئېلىش، ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش، ئىدىيەۋى تەربىيە، غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈش، ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى ئاساس ۋە سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى تۈپ فاڭجېنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە پائال ماسلىشىپ دىنىي زاتلار، دىنىي سورۇنلار، دىنىي پائالىيەتلەرگە بولغان تەربىيە، باشقۇرۇش، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي زاتلار ۋە بارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، تىنچلىق، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش قارىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىشى كېرەك.

   ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى قىلچە تەۋرەنمەي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىشنى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ نۇقتىلىق خىزمەت››نى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى كېڭەيتىشنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى مەۋقەنى يېڭى دەۋرگە قويۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يېتەرسىزلىكىنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىپ، تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، ئېتىقادنى چىڭىتىشتا ئالدىدا مېڭىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئىتتىپاقلىق، دېموكراتىيە ۋە ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئىشلەشتە ئالدىدا مېڭىپ، ئېتىقاد، سىياسىي، مەسئۇلىيەت، ئىقتىدار، ئىستىل جەھەتتە ئېغىر سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي تېمىنى تېخىمۇ ياخشى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى ئومۇميۈزلۈك مۇجەسسەملىشى كېرەك.

   يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بۇرچنى ئادا قىلىپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى