ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق باغ – ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى يامالىق تېغىدا كۆچەت تىكمەكتە.
مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىل يامالىق تېغى، جەنۇبىي قارلىغاچلىقتىكى قاقاس تاغ قاتارلىق جايلاردا ‹‹تاغدا ئورمان بىنا قىلىش›› بويىچە 20 مىڭ مو يەرنى يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ، بۇلارنىڭ كۆلىمى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق باغچىسى كۆلىمىنىڭ 44 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈچ يىل ئىچىدە قۇرۇلۇپ پۈتكەن رايونلاردىكى 19 قاقاس تاغنى يېشىللاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، يېشىللاشتۇرۇش كۆلىمىنى 32 مىڭ موغا يەتكۈزمەكچى.