تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يېڭى ئاياغ پۇتنى قىستىسا، «غاجىسا»، ئاق ئاياغ مەينەت بولۇپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

     يېڭى سېتىۋالغان ئاياغنى كىيگەندە ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ، كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي يېڭى ئاياغنىڭ پۇتىڭىزنى قىستاۋاتقانلىقىنى ياكى پۇتىڭىزنى «غاجاۋاتقانلىقى» نى بايقىغاندا قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟

     يېڭى ئاياغ پۇتنى غاجىسا...
     يېڭى ئاياغنىڭ كۆپىنچىسى پۇتنى «غاجايدۇ»، يېڭى ئاياغ كىيگەندە سىرتقا چىقىشتىن ئىلگىرى «غاجاش» نىڭ ئالدىنى ئېلىپ پۇتنى ئاسرايدىغان مەلھەم ياكى قول ئاسراش مېيى سۈرۈپ قويسا پۇتنى «غاجىمايدۇ».

     يېڭى ئاياغ پۇتنى قىستىسا...
     يېڭى ئاياغ بەزىدە پۇتنى ئازراق قىستىشى مۇمكىن. ئادەتتە ئاياغنى كۆپرەك كىيىپ بوشاتقاندىن سىرت، يەنە ئىككى يوغان ياڭيۇنى ئاياغ ئىچىگە سېلىپ بىر كېچە تۇرغۇزسىمۇ ئاياغ بوشايدۇ.

     ئەگەر ياڭيۇنىڭ يېڭى ئاياغنى مەينەت قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز، ياڭيۇنى يېڭى ساقلاش خالتىسى (保鲜膜) بىلەن ئوراپ ئاياغ ئىچىگە سېلىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، گېزىتنى ئازراق ھۆل قىلىپ ئاياغ ئىچىگە سېلىش ئارقىلىقمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىغىلى بولىدۇ.

     ئاق ئاياغ مەينەت بولۇپ كەتسە...
    ئاق ئاياغ ئادەمنىڭ سالاپىتىنى نامايەن قىلىدۇ ھەمدە خىلمۇخىل كىيىملەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كىيگىلى بولىدۇ. ئەمما ئاق ئاياغ ئاسانلا مەينەت بولۇپ كېتىدۇ. تۆۋەندە ئاق ئاياغنى تازىلاشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز:
    بىرىنچى: لىمون شەربىتى بىلەن ئاق ئاياغنى تازىلاش
     سۇغا ئازراق لىمون شەربىتىنى سىقىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن كونا چىش چوتكىسىنى لىمون سۈيىگە چىلاپ ئاق ئاياغنى چوتكىلايمىز، ئاخىرىدا ئاياغنى لىمون سۈيىگە چىلاپ يۇيساق كىرلار پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.

    چىش پاستىسى، ناترىي بىكاربونات (ئىچىملىك سودا) بىلەن ئاق ئاياغنى تازىلاش
    چىش پاستىسى بىلەن ناترىي بىكاربوناتنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىشلىتىش قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاق ئاياغنى تازىلاش رولىغىمۇ ئىگە.

تازىلاشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى سېلىشتۇرما سۈرەت

    پىيالىگە ئازراق چىش پاستىسى سىقىپ چىقىرىپ ناترىي بىكاربونات ۋە مۇۋاپىق مىقداردا پاكىز سۇ قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، لۆڭگە ياكى كونا چىش چوتكىسى بىلەن سۈرتكەندە ياكى چوتكىلىغاندا، كىر پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى