تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك يىغىنى كاتىبات يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى

  

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى خەلق سارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك يىغىنى 13 – قېتىملىق كاتىبات يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەزا دۆلەتلەر رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئالدىنقى يۆنىلىش قىلىپ، ھەمكارلىشىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىش ئەمەلىيىتىنى موللاشتۇرۇپ، ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› قاتارلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق زەربە بېرىپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنىڭ سەلبىي تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى، سىرتقا تارقىلىشىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ، رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئەزالار كۆپەيگەندىن كېيىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى تېخىمۇ زورىيىپ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۈمىدىنى زىممىسىگە يۈكلىدى. خەۋپسىزلىك يىغىنى كاتىبات يىغىنى مېخانىزمى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىگە پائال ماسلىشىشى، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، مەزكۇر رايوننىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق كەسكىن خىرىسلارغا يەنىلا دۇچ كەلمەكتە. بۇ بىزدىن كۈلپەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى، سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىشىشنى، توغرا ھۆكۈم چىقىرىشنى، مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشەنچنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، سىياسىي جەھەتتە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان خەۋپسىزلىك تۈزەش ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ھەرىكەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم، مۇكەممەل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىق تورىنى قۇرۇپ، خەۋپسىزلىك ساھەسى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئورتاق كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئۆز خەۋپسىزلىكىنى رايون دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن يۇغۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، كىشىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  رۇسىيە خەۋپسىزلىك يىغىنى كاتىپى پاترۇشېۋ، قىرغىزىستان خەۋپسىزلىك يىغىنى كاتىپى ساگينبايېۋ چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىگە ۋاكالىتەن پىكىر بايان قىلدى. ئۇلار ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شى جىنپىڭدىن سەمىمىي ھال سورىغانلىقىنى يەتكۈزدى، شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك يىغىنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: ھەرقايسى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن رەھبەرلەر ئورتاق قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ئەزا دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسىنى قوللايدۇ. جۇڭگونىڭ رىياسەتچىلىكىدە، بۇ قېتىملىق خەۋپسىزلىك يىغىنى كاتىبات يىغىنى تېررورىزمغا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق ئەزا دۆلەتلەر ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر ئىزدىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك ساھەسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە نامايان قىلدى. ھەرقايسى دۆلەت كەڭ ھەم قويۇق ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  گو شېڭكۈن، جاۋ كېجى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.