تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش

ــــ شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم لۈيىنىڭ 2–دەرىجىلىك جۈنشىجاڭى ليۇ جياپىڭنى زىيارەت (1)

مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭ

   ھەربىي سەپكە كىرگىنىگە 23 يىل بولغان ليۇ جياپىڭ ھەربىي سەپكە كىرگەندە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئىدى، ئۇ ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ھەربىي گازارمىدىن ئىبارەت بۇ پېچتا تاۋلىنىپ، 2 – دەرىجىلىك جۈنشىجاڭغا ئايلاندى. ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم 2 – دەرىجىلىك، بىر قېتىم 3 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، بەش قېتىم پۈتۈن ئارمىيە بويىچە شىگۈەن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

   يېڭى دەۋردىكى ھەربىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ليۇ جياپىڭ قەدەمنى پۇختا بېسىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالدى؛ ئۇ رېمونت ئۇستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا ھەربىر قەدەمنى ياخشى باستى.

   ‹‹شاگىرت›› رېمونتچىدىن ‹‹ماھىر›› مۇتەخەسسىسكە ئايلىنىش

   5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئارمىيە مارشى ياڭراپ تۇرغان شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم لۈيى گازارمىسىنىڭ مەشىق مەيدانىدا جەڭچىلەر جىددىي مەشىق قىلىۋاتاتتى. ئۇلاردىن ليۇ جياپىڭنى سۈرۈشتۈردۈم، ھەربىي گازارمىدا ئۇنى تونۇمايدىغانلار يوق ئىكەن. ‹‹بۇ يىل <4 – ماي> ياشلار بايرىمىدا، لۈ پارتكومى يەنە يولداش ليۇ جياپىڭدىن ئۆگىنىش توغرىسىدا قارار چىقاردى››، كۆپچىلىك ئۆز ئىچىدىن مۇشۇنداق سەپدېشىنىڭ چىققانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىدىكەن.

   ليۇ جياپىڭنىڭ يېنىدىن ئايرىمايدىغان خاتىرە دەپتىرىنى ۋاراقلاۋېتىپ، تۇنجى بېتىگە يېزىلغان ‹‹چاقىرغان ھامان ھازىر بولىدىغان مەسئۇلىيەت بولۇش، كەلگەن ھامان رېمونت قىلالايدىغان قابىلىيەت بولۇش، رېمونت قىلغان ئىكەن ياخشى رېمونت قىلىدىغان ئەمەلىي كۈچ بولۇش كېرەك›› دېگەن بىر جۈملە سۆز دىققىتىمنى تارتتى.

   رېمونتچىلىق تىلغا ئېلىنسىلا، ليۇ جياپىڭنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ئىشەنچ چىقىپ تۇرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: رېمونتچىلىقنى ياخشى كۆرىمەن. نەزەرىمدە بۇ ئۈسكۈنىلەر مېنىڭ بىمارلىرىم، مەن بولسام دوختۇر، ئۈسكۈنىلەرنىڭ رېمونت قىلىنىپ نورمال ھالەتكە كېلىشى خۇددى دوختۇرنىڭ بىمارلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىنىغا ئوخشايدۇ.

   بىراق 17 يىل ئىلگىرى ليۇ جياپىڭ تېخى ‹‹شاگىرت›› رېمونتچى ئىدى. 2001 – يىلى 7 – ئايدا ليۇ جياپىڭ قىسىمغا ئەگىشىپ بىر قېتىملىق مۇھىم مانېۋىرغا قاتناشقان، ھالقىلىق پەيتتە، بىر ئالاقىلىشىش ئاپپاراتىدا تۇيۇقسىز كاشىلا كۆرۈلگەن، ئۇ ئاپپاراتنىڭ قېپىنى ئېچىپ، رەت – رەت توك يولى تاختىسى ۋە دېتاللارنى كۆرۈپ داڭ قېتىپلا قالغانىدى.

   ليۇ جياپىڭ مانېۋىردىن كېيىن، ئىشەنچىنى يوقاتمىغان، ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا مەن ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتىمەن، دەپ ئويلىغانىدىم. ليۇ جياپىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹ئېلېكتىرونلۇق توك يولى قامۇسى››، ‹‹خەۋەرلىشىش پىرىنسىپى›› قاتارلىق 30 نەچچە كەسپىي كىتابنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن.

   ليۇ جياپىڭنىڭ قارىشىچە، بىر رېمونتچى ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن، ئۈسكۈنىلەرنىڭ خىزمەت قانۇنىيىتىنى پىششىق ئىگىلىشى كېرەك ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ كۈندۈزى مەشغۇلاتچى ئەسكەر بىلەن بىللە مەشىققە قاتناشقان، كەچتە ئۈسكۈنىنىڭ چۈشەندۈرۈشى بويىچە ئۈسكۈنىنىڭ خىزمەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلغان. كاشىلىنى ئەڭ تېز تۈگىتىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇ 10 مىڭدىن ئارتۇق دېتالنىڭ پارامېتىرىنى ئۆلچەپ چىققان ۋە پىششىق ئەستە ساقلىۋالغان.

   ليۇ جياپىڭ: قىزىقىش ئەڭ ياخشى ئۇستاز، مەن خىزمەتتە مۇكەممەللىكنى قوغلىشىمەن، يولۇققان ھەرقانداق قىيىن مەسىلىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەيمەن، دېدى. بىر قېتىم قىسىمغا مەلۇم تىپتىكى جابدۇق سەپلەپ بېرىلگەن، مەخپىيەتلىك سەۋەبىدىن زاۋۇت ئىسخېما بىلەن تەمىنلىمىگەن. ئۇ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بارلىق توك يوللىرى ۋە دېتاللارنى ئۆلچەپ، پۈتكۈل ئۈسكۈنىنىڭ توك يولى خەرىتىسىنى ئېنىقلاپ چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئۈسكۈنىدىن كاشىلا كۆرۈلسىلا، دەرھال ئوڭشىيالايدىغان بولغان.

   مۇشۇ يىللاردا ليۇ جياپىڭ تۇرۇشلۇق قىسىم ئىككى قېتىم قايتىدىن تەشكىللەنگەن، زور بىر تۈركۈم ئۇچۇرلاشتۇرۇش جابدۇقلىرى سەپلەنگەن، ئۇ ھەمىشە 1 – بولۇپ ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ ئالدى بىلەن ئۆگەنگەن. ھازىر ئۇ 20 خىلدىن ئارتۇق ئاساسىي جەڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش جابدۇقىنىڭ مەشغۇلاتىنى پىششىق ئىگىلەپتۇ ھەم رېمونت قىلىشقا ئۇستا بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەلۇم زاۋۇتنىڭ تەتقىق قىلىش – ئېچىش خادىملىرى قىسىمغا سەييارە رېمونت قىلىشقا كەلگەن، ئۇلار قايتىپ كېتىدىغان چاغدا قىسىم رەھبەرلىكىگە: بىز نۇرغۇن قىسىمغا بارغان، لېكىن ليۇ جياپىڭغا ئوخشاش بۇنداق ئەستايىدىل جەڭچىنى كۆرۈپ باقمىغانىدۇق. ليۇ جياپىڭلا بولىدىكەن، جابدۇقلارنى رېمونت قىلىشتىن ئەندىشە قىلمىساڭلارمۇ بولغۇدەك! دېگەن.

   بىر تۈركۈم ماھىر رېمونتچىلارنى تەربىيەلەپ چىقىش

   ليۇ جياپىڭ 23 يىللىق ھەربىيلىك ھاياتىدا، نۇرغۇن كىشىدىن تەلىم ئالغان ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. ليۇ جياپىڭ ھېلىھەم ئۇستازى جاۋ دەيچۈن بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدىكەن. ليۇ جياپىڭ مۇنداق دېدى: جاۋ دەيچۈن مەن ھەربىيلىككە قاتناشقاندا، ماڭا رېمونتچىلىقنى ئۆگەتكەن ئۇستازىم، ئۇ ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، بىلىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئۆگەتكەن.

   ئۇستازىنىڭ ليۇ جياپىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن تەپسىلىي ئۆگىتىشى، چىقىشقاق پەزىلىتى ليۇ جياپىڭغا ئۈن – تىنسىز تەسىر قىلغان.

   بىر قېتىم 3 – يىڭنىڭ ئۈسكۈنىسىدە كاشىلا كۆرۈلگەن، رېمونت ئۇستىسى چېن لىۋېن بىر كۈن ئاۋارە بولغان بولسىمۇ، كاشىلىنىڭ سەۋەبىنى تاپالماي، ليۇ جياپىڭدىن مەسلىھەت سورىغان. چېن لىۋېن ليۇ جياپىڭغا كاشىلا ئەھۋالىنى سۈرەتلەپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇ چېن لىۋېنغا بىر پارچە كىتاب بەرگەن ھەم ئۇنىڭغا كىتابنى كۆرگەندىن كېيىنمۇ كاشىلىنى ئوڭشىيالمىسا، ئۆزى بېرىپ كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

   چېن لىۋېن بىر تەرەپتىن كىتابنى كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن ئىزدىنىپ، ناھايىتى تېزلا كاشىلا كۆرۈلگەن جاينى تېپىپ چىقىپ، ئۈسكۈنىنى ئوڭۇشلۇق ئوڭشىغان. چېن لىۋېن مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ليۇ جياپىڭنىڭ بۇ ئۇسۇلى بەك ياخشى ئىكەن، مەن كاشىلىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپلا قالماي، ئۈسكۈنىگە ئالاقىدار نۇرغۇن بىلىمنى ئۆگىنىۋالدىم.

   ليۇ جياپىڭ كۆپ يىل رېمونتچىلىق قىلىش جەريانىدا، ئىختىساسلىقلارنىڭ تولىمۇ ئەتىۋارلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ كۈندىلىك خىزمىتىدە، رېمونتچىلىق بويىچە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ليۇ جياپىڭ رېمونتچىلىق تەجرىبىسىنىڭ ھەممىسىنى يېڭىدىن ھەربىي سەپكە كىرگەن يېڭى ئەسكەرلەرگە ئۆگەتكەن.

   2009– يىلى ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەن ئىنژېنېر چېڭ لىبو قىسىمغا دەسلەپتە كەلگەندە، ئاساسىي قاتلامدىكى قىسىمنىڭ تۈرلۈك تىپتىكى جابدۇقلىرىنى كۆرۈپ، نەزەرىيە بىلىمى مول بولسىمۇ داڭ قېتىپلا قالغان. ليۇ جياپىڭ چېڭ لىبوغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاساسىي ئۇرۇش جابدۇقلىرىنىڭ توك يولى پىرىنسىپى، تۈزۈلۈشى ۋە دائىم ئۇچرايدىغان كاشىلىلارنى رېمونت قىلىش قاتارلىقلارنى بىرمۇبىر ئۆگەتكەن، ئىككىسى رېمونت سېخىدا دائىم دېگۈدەك كۈنلەپ بىللە ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلدە مەيلى قەيەردە بولسۇن، ئىككىسىنىڭ بىللە مۇھاكىمە قىلىۋاتقان سىيماسىنى كۆرگىلى بولاتتى، سەپداشلىرى ئۇ ئىككىسىنى بىر – بىرىگە سايىدەك ئەگىشىپ يۈرىدىغان ئايرىلماس ‹‹قوشماق ئاكا – ئۇكا››لار دەپ ئاتىشاتتى. ليۇ جياپىڭنىڭ ياردىمىدە چېڭ لىبونىڭ رېمونتچىلىق ماھارىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن، ئۇ تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان تۆت تېخنىكا يېڭىلاش تۈرى ئارمىيەنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

   ليۇ جياپىڭ ئۇزاق مەزگىل قىسىمنىڭ جابدۇق تېخنىكا تايانچلىرىنى تەربىيەلەش يېتەكچىسى بولۇپ، ئۆزى ئۇزاقتىن بۇيان توپلىغان رېمونت قىلىش تەجرىبىلىرىنى شاگىرتلىرىغا قىلچە يوشۇرماي ئۆگىتىپ، 20 نەچچە رېمونت قىلىش تايانچىسىنى تەربىيەلەپ چىققان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى ئارمىيە بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.   

   ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدىمۇ تېخنىكا يېڭىلاپ، تېما تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغىلى بولىدۇ

   نۇرغۇن كىشى تېخنىكا يېڭىلاش، تېما تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشى، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ شارائىتى ناچار، ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولغاچقا، بىرەر نەتىجە ياراتقىلىمۇ بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن ليۇ جياپىڭ بۇنداق دەپ قارىمىدى. ‹‹گەرچە شارائىتىمىز ناچار، ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە تۇشلۇق ئەۋزەللىكىمىز بار، بىز ئاساسىي قاتلامدا جابدۇقلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىمىز، جەڭگىۋارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈشتە قايسى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنىمۇ بىلىمىز، بۇ بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىمىزنى تېخىمۇ ئەمەلىي ئېھتىياجغا يېقىنلاشتۇرىدۇ››.

   ليۇ جياپىڭ 2006 – يىلى قىسىمغا ئەگىشىپ مانېۋىرغا قاتناشتى، مەلۇم تىپلىق جابدۇقنىڭ ھەر قېتىم ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشتا كۆپ خىل پارامېتىرنى قول بىلەن كىرگۈزۈپ، ئون نەچچە كۇنۇپكىنى بېسىپ تاماملاشقا توغرا كېلەتتى، ‹‹رىتىمغا يېتىشەلمەي›› ئەڭ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغاچقا، ئۇ تۇرۇشلۇق قىسىم مانېۋىر جەريانىدا دائىم پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتى.

   مانېۋىردىن كېيىن، ليۇ جياپىڭنىڭ كاللىسىدا تېخنىكا يېڭىلاپ، قولدا مەشغۇلات قىلىش قەدەم  –  باسقۇچىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاپتوماتىك كونترول قىلىشقا ئۆزگەرتىش ئويى پەيدا بولدى.

   تېخنىكا يېڭىلاش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش دېمەككە ئاسان بولغان بىلەن، قىلماق تەس ئىش. ليۇ جياپىڭ ئۆزلۈكىدىن يەككە پىلاستىنكىلىق كومپيۇتېر ئېچىش، C تىلدا پىروگرامما لايىھەلەش قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە باشلىدى ھەم ئۇلارنى تېخنىكا يېڭىلاش تۈرى تەتقىقاتى ۋە لايىھەلەشكە تەتبىقلىدى. نەچچە مىڭ قېتىم قايتا – قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى بۇ ‹‹قاتتىق ئۇستىخان››نى بويسۇندۇرۇپ، بۇ خىل جابدۇقنىڭ مەشغۇلات قىلىشتىن تارتىپ ھەقىقىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقىچە بولغان ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، جابدۇقلارنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. ليۇ جياپىڭ بۇنىڭ بىلەن ئارمىيەنىڭ 3 – دەرىجىلىك پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

   2014 – يىللىق مەشىق مەزگىلىدە، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر مەلۇم تىپتىكى ئۇچۇرلاشقان جابدۇقتا ئېلېكتىر ماگنىت مۇھىتىنىڭ ئەينەنلىك دەرىجىسىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى، پەسىل ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى، كۆپ ئەمەلىي مەشغۇلات قىلغاندا ئۈسكۈنىدە كاشىلا كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ، ئەمەلىي جەڭ قىلالايدىغان بىر يۈرۈش تەقلىدىي مەشىق سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

   ليۇ جياپىڭ دەرھال غەيرەتكە كەلدى. ئۇ قايتا – قايتا تەكشۈرۈپ، دەلىللەش ئارقىلىق مەلۇم تىپتىكى ئۇچۇرلاشقان جابدۇقنىڭ ئۇنىۋېرسال مەشىق سىستېمىسىنىڭ پەن تەتقىقات تۈرىنى ئىلتىماس قىلدى. ئۇ سەپداشلىرى لى جېڭيوۋ، چېڭ لىبو بىلەن بىرلىكتە ئۈچ كىشىلىك تەتقىق قىلىپ ياساش گۇرۇپپىسى قۇردى. ئۇلار تەقلىدىي بوشلۇقتا كۆپ نىشانلىق مەشىق ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئاخىر بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى.

   ئۇلار بىر يىلدا ئون نەچچە يۈرۈش تەتقىق قىلىپ ياساش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئۇلارنى 1000 قېتىمدىن ئارتۇق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ تىل ئارىلاش پىروگرامما تۈزۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئەينەن تەقلىدىي مەشغۇلات قىلىش، مەشىق قىلىش، باھالاش ۋە ئوقۇتۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار ھازىرلانغان بىر يۈرۈش سىستېمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، بۇ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ مەشىققە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغاپ، مەشغۇلاتچىلارنىڭ تەربىيەلىنىش مۇددىتىنى قىسقارتىپ، ئۈسكۈنىلەردە كاشىلا كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى، بولۇپمۇ قىسىملارنىڭ ئومۇمىي جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن ياخشى تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بۇ تۈر 2015 – يىلى 12 – ئايدا نەتىجە باھالاپ بېكىتىش يىغىنىدا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئاخىرىدا ئارمىيەنىڭ 3 – دەرىجىلىك پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ھەم ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىلدى.

   ‹‹بىز رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، ئىلمىي ماقالىنى ۋەتەن زېمىنىدا يېزىشىمىز كېرەك››. ليۇ جياپىڭ بۇ بىرقانچە يىلدا بىر تەرەپتىن، جابدۇقلارنى رېمونت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، جابدۇقلارنى يېڭىلاش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ھەر خىل مۇھىتتىكى خەۋەرلىشىش جابدۇق تېخنىكا پارامېتىرىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇقنى توپلىدى، 60 نەچچە يېڭىلىق يارىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئون پەن تەتقىقات تۈرىگە قاتناشتى ۋە تاماملىدى، توققۇز تۈر ئارمىيە پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. لۈيدە يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ‹‹ليۇ جياپىڭ ئىشخانىسى›› تەسىس قىلىندى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى