تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئاپتونوم رايونىمىزدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ يامغۇر ياغىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

  ئۆز خەۋىرىمىز: 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئاپتونوم رايونىمىزدا بوران چىقىپ، يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ. شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ℃8 ئەتراپىدا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃5~℃8 قىچە تۆۋەنلەيدۇ.

  ئۈرۈمچىدە ھەپتە ئاخىرىدا يامغۇر يېغىپ تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما دۈشەنبە كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولدى، 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃25قا يەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇمات بېرىشىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا 5-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىدىن 24-كۈنى كېچىگىچە ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن ھەمدە 5-6 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن. 5-ئاينىڭ 24-كۈنى كېچىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃5قا چۈشىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى جاڭ جۈنلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى كۈندۈزدىن 25-كۈنىگىچە شىمالىي شىنجاڭ ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ. جۈملىدىن، ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى ۋە شەرقى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلاردا، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرا ھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ (جۇغلانما ھۆل-يېغىن مىقدارى 8-20 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ). ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، سانجى ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ (جۇغلانما ھۆل-يېغىن مىقدارى 25-35 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ). 5-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىدىن 5-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈندۈزگىچە ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلاردا ھۆل-يېغىن ئەڭ كۆپ بولىدۇ. 5-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، سانجى ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلاردا ھۆل-يېغىن ئەڭ كۆپ بولىدۇ.

  شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃8 ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا جۇدۇن بولۇپ، تېمپېراتۇرا ℃10~℃12 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن. يۇقىرىدا ئېيتىلغان رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃2 ئەتراپىغا چۈشۈپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قىروۋ كۆرۈلىدىكەن.

  مېتېئورولوگيە تارمىقىدىكىلەر ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: 5-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدا سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆپ كۆرۈلدى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئىزچىل تۆۋەن بولدى. كەلگۈسى ئۈچ كۈندىكى بوران-چاپقۇن زىرائەت، باغ-ئورمان كەسپىگە بىر قەدەر روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئاپىتى ۋە نەرسە-كېرەكلەرنىڭ بوشلۇقتىن چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، بۇ، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، تاشيول تىرانسىپورت قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئالاقىدار تارماقلار قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بەزى جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق ھۆل-يېغىننىڭ تەسىرىدە، كەلكۈن ۋە لاي-لاتقا قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ بەزى جايلاردا بوران-چاپقۇن، مۆلدۈر قاتارلىق كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا جۇدۇن بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قىروۋ كۆرۈلىدۇ، شۇڭا قىروۋنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى