تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا بىر تۈركۈم ساياھەت ئېسىل لىنىيەلىرى ئېچىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 5-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى. ساياھەت جانلىنىش پەسلىگە كىرىش پەيتىدە، شىنجاڭ ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تۆمۈريول تارماقلىرى قاتارلىق ساياھەتكە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىر تۈركۈم ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئاچتى.

  شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى يېقىندا كورلا-يەكەن، خوتەن-چېڭدۇ، ئۈرۈمچى-قاناس قاتارلىق 10 ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئاۋىياتسىيە ساياھەتچىلىكىدە يېڭى مەھسۇلات، يېڭى لىنىيەلەرنى بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» تۆمۈريول يولۇچىلار پويىزى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى تۇتاشتۇرۇش، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى ئاممىۋىلاشتۇرۇش، ساياھەت پويىزلىرىنى ئايلاندۇرۇش» پىلانىنى يولغا قويدى، بۇ يىل يەنە شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىش، جەنۇبىي شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش، ئوت يۇرتى ساياھىتى، دۇنخۇاڭدىكى ئۇچرىشىش، ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىش ۋە يېڭى شەرق تېز پويىزى يۈرۈشلۈك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بەرپا قىلىپ، تۆمۈريول بايلىقىنىڭ ساياھەت كەسپىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شىنجاڭ ساياھەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ياڭ ياۋپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىمالىي شىنجاڭ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسى، غەربىي تىيانشان ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسى، شەرقىي تىيانشان ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسى، قەشقەر ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسى، قاراماي ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسى، ئىلى دەريا ۋادىسى ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسى، تارىم ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسى، قومۇل ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسى ۋە خوتەن ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيىسىدىن ئىبارەت ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىدىكى 10 ئېسىل لىنىيە مەملىكەتنىڭ ھەر جايلىرىدىن كەلگەن، ئۆزلىرى ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ خاس، كۆپ مەنبەلىك ۋە سۈپەتلىك ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

  شىنجاڭ ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ خەنمىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ساياھەتچىلىك بىلەن باشقا كەسىپلەرنىڭ بىرلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە لىنىيە تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، ساياھەت جانلىقلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى