تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

يېڭى يەڭگىگەن ئاياللار بۇ ئۈچ خىل كىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ

  1.كوت-كوت، ئاغزى ئىتتىك كىشىلەر. ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلەر ئارىسىدا ئويلىمايلا گەپ قىلىدىغانلار بار، ئۇلار يېڭى يەڭگىگەن ئاياللارنى يوقلاپ كەلگەندە تۇنجى بولۇپ بالىنىڭ جىنسىنى سورايدۇ، ناۋادا بالىنىڭ جىنسى قىز بولسا، كونا ئىدىيە بويىچە بالىنىڭ ئانىسىغا تەسەللىي بېرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ تەسەللىيلەر بالىنىڭ ئانىسىغا خۇشياقمايدۇ.

   2.بالا بېقىۋاتقان كىشىلەر. بەزىلەر يېڭى يەڭگىگەن ئاياللارنى يوقلىغاندا بالىسىنى بىللە ئېلىۋالىدۇ، بۇ چاغدا بالا ئۆيدە جېدەل قىلىپ، ئانا-بالىنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  3.ئاغرىپ قالغان كىشىلەر. ئاغرىپ قالغان كىشىلەر يېڭى يەڭگىگەن ئاياللارنى يوقلاشقا بارماسلىقى كېرەك، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا يېڭى يەڭگىگەن ئايال ۋە بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولغاچقا، باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

  «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى