تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بالىلارنىڭ بېشىنىڭ ياپىلاق بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

    ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ بېشىنىڭ ياپىلاق بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسە، ئۇخلاش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق باش شەكلى غەيرىي بولۇشنى تۈزىسە بولىدۇ.
    بوۋاقلارنىڭ يېشىغا توشۇشتىن ئىلگىرىكى مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىش
    بالىلار يېشىغا توشقاندىن كېيىن، باش سۆڭىكى ئاساسەن بىرىكىپ، بېشىنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا باش شەكلىنى تەڭشەشنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا بالىلار يېشىغا توشۇشتىن ئىلگىرى تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
    بوۋاقلارنى ئۇخلىتىش ۋە ئەمدۈرۈش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش
    ئەگەر بوۋاق دائىم ئوخشاش بىر يۆنىلىشكە مايىل ئۇخلىسا، ئانا بالىنى بەزلەپ ئۇخلىتىش ياكى ئېمىتىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ باقسىمۇ بولىدۇ.

    بوۋاقنى يۇمشاق-قاتتىقلىقى مۇۋاپىق بولغان ياستۇقتا ياتقۇزۇش
    زىيادە قاتتىق ياستۇق بوۋاقنىڭ باش شەكلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى ۋە ئارقا مېڭە تەرىپىدىكى چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، زىيادە يۇمشاق ياستۇقلار بوۋاقنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
    0~3 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار ياستۇق ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ، ئۈچ ئايلىقتىن يۇقىرى ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلار قارا بۇغداي پوستى (荞麦壳枕) دىن ياسالغان ياستۇق ئىشلەتسە مۇۋاپىق. چۈنكى بۇ خىل ياستۇقنىڭ شەكلى بوۋاقنىڭ باش ھەرىكىتىگە ئاساسەن ماس ھالدا تەڭشىلىدۇ، يۇمشاق ھەم راھەت.
    ھەر خىل يېتىش ھالىتىدە ئۇخلاش
    دائىم ئوڭدا يېتىپ ئۇخلىغاندا بوۋاقنىڭ ئارقا مېڭىسى ياپىلاق بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا بوۋاقنى ھەر خىل يېتىش ھالىتىدە ئۇخلىتىش كېرەك.

    بوۋاقنى ئۆمىلەپ ئويناشقا رىغبەتلەندۈرۈش
    بوۋاق دائىم ئۆمىلەپ ئوينىغاندا باش شەكلىنىڭ تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە، بوۋاقنىڭ بويۇن، دۈمبە ۋە بىلەكلىرىنىڭ كۈچىنى مەشىقلەندۈرۈشكە، بوۋاقنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق.
    ياتاق ئۆينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۆزگەرتىش
    يورۇقلۇققا، ئاۋازغا، سايىگە، رەڭلەرگە قىزىقىدىغان بوۋاقلارنى ياتاق ئۆينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يېتەكلەش كېرەك. چۈنكى كۈندۈزى بوۋاق بىلەن ئوينىغاندا، بوۋاقنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشكە بۇرۇلۇپ قارىشىغا پايدىلىق.

    شەكىل تۇراقلاشتۇرۇش ياستۇقى ئىشلەتمەسلىك
    بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىپ ئۇخلىشى، ھەر قانداق شەكىل تۇراقلاشتۇرۇش ياستۇقى ياكى باشقا ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ئۇخلاش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا بوۋاقنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى