ئۆز خەۋىرىمىز: قاراماي شەھىرىدىكى خەلق مەيدانىدا شەھەر ئاھالىلىرى چوغلۇق گۈللىرىنى تاماشا قىلماقتا. كونىلاردا «5-ئايدا چوغلۇق گۈلى بىلەن مودەنگۈل بەسلىشىپ ئېچىلىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. 5-ئاينىڭ باشلىرىدا خەلق مەيدانى ئەتراپىدىكى چوغلۇق گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ، قىزىل، ھالرەڭ گۈللەر تەبىئەت بىلەن ھۆسىن تالىشىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرى چوغلۇق گۈلى قاتارلىق گۈل سورتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن كىرگۈزدى. بۈگۈنكى كۈندە، گۈل تېرىقچىلىق رايونلىرى شەھەردىكى ھەر قايسى مەيدان، باغچا ۋە مەنزىرە رايونلىرىغا تارقىلىپ، مەنزىرە لىنىيەسى ھاسىل قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىستىراھەت تۇرمۇشىغا يېڭىچە تاللاش ئېلىپ كەلدى.