تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تۇغقىنىمغا پارتىيە گېزىتى يەتكۈزۈپ بەردىم

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پەرىدە، پەرىزات خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئايدا ئىللىق باھار شامىلى چىقىپ، قۇياش نۇرىنى كەڭ زېمىنغا چاچتى، قاراقۇم كەنتىدە پۇقرالار ئېتىزلىقتا ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىش، ھويلا-ئارانلارنى يىغىشتۇرۇش، يەر ئاغدۇرۇپ كۆكتات تېرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ، جۇشقۇن مەنزىرە شەكىللەنگەن ئىدى. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ تولى ناھىيەسى ئاقبېلدېۋ يېزىسى قاراقۇم كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرلىرى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە كەنت بېشىدا، ھويلىدا، كالا قۇتىنىدا ئالدىراشچىلىققا چۆمدى، دەم ئالغان ۋاقىتلىرىدا تۇغقانلىرىنىڭ قولىغا پارتىيە گېزىتىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن خەۋەردار بولدى.

  پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تىلى، ئۇچۇرغا ئېرىشىشتىكى مۇھىم يول، پارتىيەنىڭ نەزىرىيەسى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى تارقىتىش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئاممىنى قوزغاشتىكى مۇھىم قوللانما. پارتىيە گېزىتىنى دېھقان-چارۋىچىلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەندە گېزىت كۆرۈش ئارقىلىق ئۇلار مەنىۋى كۈچكە ئېرىشىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى ئېچىلىدۇ، ھەق-ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارى ئاشىدۇ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن خەۋەردار بولىدۇ، پارتىيە گېزىتىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئامما ئىدىيە ۋە سىياسىي جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايدۇ.

  تۇغقانلار بۇ قېتىمقى «پارتىيە گېزىتىنى يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى، ئۇلار پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىمىلىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى