ئۆز خەۋىرىمىز. تولىغا كېلىپ بارلۇق تېغىنىڭ ھەيۋەت قەددى بىلەن ئۇچرىشىپ، مايلى يايلىقىدا كەڭ تەبىئەتنى باغاشلاپ، قاراباستاۋنىڭ بۇلاق سۈيىگە ئېغىز تېگىپ، سازلىق بويىنى سەيلە قىلغاچ خىيال سۈرۈش، كىگىز ئۆيدە مېھمان بولۇپ، قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش تولىمۇ ھۇزۇرلۇق بىر ئىش. كەچكى شەپەق نۇرى ئەتراپقا يېيىلغاندا مورىلىرىدىن ئىس كۆتۈرۈلگەن كىگىز ئۆيلەردىن دومبۇرانىڭ مۇڭلۇق كۈيى ياڭراپ، مېھماندوست قازاق مىللىتى قارايورغا كۈيىگە جۆر بولىدۇ.
كىشىگە ئازادىلىك بېغىشلايدىغان بۇ مۇھىتتا بىر پىيالە قىمىزغا ئېغىز تەگكەچ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت.
(سۈرەتلەرنى تولى ناھىيەلىك فوتوگرافلار جەمئىيىتى تەمىنلىگەن)