شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 5-ئايدا شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەپ، ھەممە جاي يېشىللىققا پۈركەندى. شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسىدىكى قاراجۈن مەنزىرە رايونى يېقىندا سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تاغ چوققىسىدا بىر كېچە قار ياغدى. قاردىن كېيىن قار ئارىسىدا ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ قالغان بىنەپشە ۋە سېرىق رەڭلىك گۈللەر ئۆزگىچە مەنزىرە ھاسىل قىلدى.
5-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت يەتتىدە مۇخبىر قاراجۈن مەنزىرە رايونىدىكى قار چوققىسىنىڭ ئاپئاق قار بىلەن پۈركەنگەنلىكىنى كۆردى. تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، قار ئېرىپ، گۈل دېڭىزى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا قايتىدىن نامايان بولۇپ، گۈزەل تۈسكە كىردى.
ئىگىلىنىشىچە، قاراجۈن ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1300-3900 مېتىر ئارىلىقىدا بولۇپ، ھۆل-يېغىن مىقدارى مول، ھاۋاسى سالقىن، تۇپرىقى مۇنبەت. ھەر يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان مەزگىل بۇ جاينىڭ ساياھەت ئاۋات پەسلى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان شەھەر ئاھالىلىرى ۋە فوتوسۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.