تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاسمىنى كۆك، تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

    مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۆگىنىشتە مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇھاكىمە قىلىندى.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى زۆرۈر تەلەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ زور پىلان. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە خەلقنىڭ بەختى ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى نەزەردە تۇتۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىن چىقىش قىلىنىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش زۆرۈر بولغان مۇھىم پىرىنسىپلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنىڭ تۈپ مىزانى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنى بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، دۆلىتىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

   يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى تارماقلار، ئورۇنلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور قارار  – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى زور قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، قار – مۇزلۇقمۇ بايلىق دېگەن ئىدىيەنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشى؛ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەلق تۇرمۇشىغا ئەڭ نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىشى؛ تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقلارنىڭ ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. دىققىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىگە زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بىلەن ئاڭلىق بىرتۇتاش پىلانلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئاسمىنى كۆك، تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى