تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك

ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   ‹‹ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك››.

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا زور ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئېكولوگىيەسى مەدەنىي، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى ھەم تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، بىزنىڭ ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشىمىزدا زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

   ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ۋە تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن تارتىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكىچە؛ ئاندىن ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشقىچە... پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي ۋە يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىراق شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنە نۇرغۇن قاتتىق سۆڭەكنى غاجىلاشقا، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن جاھىل ۋە كونا كېسەللەرنى داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، تارىخىي گىرەلىشىش مەزگىلىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسلىسىنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىش دەۋر يۈكلىگەن زور ۋەزىپە بولۇپ، قىلچە بوشاڭلىق قىلماي جەزمەن تاماملىشىمىز كېرەك.

   بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشتا، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز دەپ قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىمىساق خەلق بۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ھەم تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. پەقەت نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، بۇ مەيدان جەڭنى ياخشى قىلغاندىلا، ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلالايمىز، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز، تارىخ ئالدىدا خىجالەتتە قالمايمىز. ھازىر، خەلق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى تېز ئاشۇرۇشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلماقتا. خەلق ئويلىغانغا، خەلق ئارزۇسىغا، خەلق ئالدىرىغانغا پائال جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز، بۇرچىمىز، مەسئۇلىيىتىمىز. بۇ مەيدان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭى مەيلى قانچىلىك قىيىن بولسۇن، ھەرگىز ئىككىلەنمەسلىكىمىز، چېكىنمەسلىكىمىز، كەسكىن ئىش قىلىدىغان قەتئىيلىك، ھايات – ماماتلىق ئېلىشىش جاسارىتى، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىشتەك تىرىشچانلىق ئارقىلىق، بۇ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىشىمىز ھەم جەڭدە غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

   بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشتا، ئەۋزەل ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەت  –  تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭ قىلغان زور ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيەت سىستېمىسى، ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد سىستېمىسى، نىشانلىق مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى قۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ يېشىل تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىپ، يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش؛ گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئالدىنقى ساھە قىلىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەۋپ – خەتىرىنى دائىملىق باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ مۇھىت تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا چېتىلىدىغان زور ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىدە تاقابىل تۇرۇش خاراكتېرلىك تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرىدىغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك.

   ‹‹مۇھىت دېگەنلىك خەلق تۇرمۇشى دېگەنلىك، يېشىل تاغ دېگەنلىك گۈزەللىك دېگەنلىك، كۆك ئاسمان دېگەنلىك بەخت دېگەنلىك››، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان توپلانغان پۇختا ماددىي ئاساستىن تولۇق پايدىلىنىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلغاندىلا، بىز چوقۇم پۇقرالارغا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى، سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاق، بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگەن، سۇنىڭ تېگىنى كۆرگىلى بولىدىغان مەنزىرىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئەۋلادلارغا گۈزەل يۇرت – ماكان قالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن گۈزەل كەلگۈسى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى