تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئېچىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، دۆلىتىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش زۆرۈر بولغان مۇھىم پىرىنسىپلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش نىشانى كۆرسىتىپ بېرىلدى، شۇنداقلا تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلەندى، بۇ، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، زۇڭلى لى كېچياڭ، مۇئاۋىن زۇڭلى خەن جېڭنىڭ سۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور سالماق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  بىرىنچى، زور ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ئاساسىي مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىجتىمائىي مەسىلە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈم يارىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايدىڭلاشتۇرغان ئالتە تۈرلۈك مۇھىم پىرىنسىپنى قەتئىي تۈردە دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىدىيەۋى مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشان – ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ كۆپىيىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقنى ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹بىر قوللۇق›› تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇھىتنى قوغداشتىكى ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش›› تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇلغىنىش ساقلانمىسىنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇھىتنى تۈزەش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بايلىق مۇھىت باھاسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىش، مەڭگۈ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، قار – مۇزلۇقمۇ بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېشىل تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلقنى پايدىغا ئېرىشتۈرۈش، خەلق ئۈچۈن ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ھەرىكىتى پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ھەرىكىتى پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

  ئالتىنچى، نازارەت قىلىش – تۈزەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن، تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىشتىكى زور پۇرسەت بىلىپ، نازارەت قىلىش نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيە ئېڭىنى چىڭىتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەپ، ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ، جايىدا تۈزىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تېغىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش كېرەك.

  يەتتىنچى، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك سەپلەپ، غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كەسپىي سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، تىرىشىپ سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، مەسئۇلىيەتچان، جاپاغا ئالاھىدە چىدايدىغان، جەڭ قىلىشقا، تۆھپە قوشۇشقا ئالاھىدە ماھىر بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش پولات قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى 1 – مەسئۇل كىشى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، ئالاقىدار تارماقلار ئىشلارنى تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئىلمىي، مۇۋاپىق تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەلالارنى مۇكاپاتلاش، ناچارلارنى جازالاشتەك ياخشى يۆنىلىشنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  توققۇزىنچى، نازارەتچىلىكنى، ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى تەكشۈرۈشنى زورايتىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بەدىلىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى قاتتىق تۇتۇپ، قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغان رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي سۈرۈشتۈرۈپ، دادىل سۈرۈشتۈرۈپ، قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈپ، تۈزۈمنى قاتتىق چەكلىمە ۋە تېگىشكە بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئونىنچى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەپ، تەمكىن ۋە سالماق بولۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.