تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئەر-ئايال پىكىر ئالماشتۇرغاندا...

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما پىكىر ئالماشتۇرۇش پەقەت سۆزلىشىشلا ئەمەس، بەلكى ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىش، شۇڭا پىكىر ئالماشتۇرغاندا ئاقىلانە بولۇش كېرەك.
ياخشى كەيپىياتتا ئارازلاشماي پىكىر ئالماشتۇرۇش ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ. ئەمما پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ «ئوت پىلتىسى» بولۇپ، قىيىنچىلىق ھەل بولمايلا قالماي، ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتقىمۇ تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ئەر-ئايال پىكىر ئالماشتۇرغاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
    1.ھېسسىيات ئارقىلىق قارشى تەرەپكە تەھدىت سالماسلىق كېرەك.

    پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا نېمە بولسا شۇنى سۆزلەش، تەنە، قوپال سۆزلەر بىلەن قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەسلىك، ئەڭ مۇھىمى ھېسسىيات تەھدىتى سالماسلىق كېرەك. ھېسسىيات تەھدىتىنىڭ ئىككى خىل ئىپادىسى بولىدۇ: بىرى، قارشى تەرەپكە يەنە يول قويمىسا بۇنىڭ ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتقا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىش. بۇنىڭدا كۆپىنچە «بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز سىز بىلەن داۋاملىق تۇرمۇش كەچۈرەلمەيمەن» ياكى «ئاجرىشىپ كېتەيلى» دېگەندەك سۆزلەر تىلغا ئېلىنىدۇ.
    تەھدىتنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىسى : قارشى تەرەپنىڭ يەنە يۇمشىماسلىقى ئۆزىنى سۆيمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىش. بۇنىڭدا ئاساسلىقى «مېنى سۆيمەيدىغان بولۇپ قاپسىز»،«ئىلگىرى بۇنداق ئەمەس ئىدىڭىز» دېگەنلەر تىلغا ئېلىنىدۇ. مەيلى قايسى خىل شەكىل بولسۇن، ھەممىسى سۆزلىشىشنى بىنورمال شەكىلدە توختىتىپ قويۇپ، خۇددى ھېسسىيات بار دەپلا، قائىدە-داۋلى سۆزلىسە بولمايدىغاندەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ.
    2.قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقىنى تەگىمەسلىك كېرەك.
    ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭلا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، ئەمما خاتالىق ئۆتكۈزدى، دەپلا قارشى تەرەپنى سۆزلىشىش داۋامىدا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
    3. ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك.
    ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە، بولۇپمۇ، مەسىلە ئېغىرلاشقاندا كۆپىنچە كىشى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ. بۇ چاغدا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش كۆپىنچە قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ،  ئىككىيلەن «زادى كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا» دېگەن مەسىلىگە كىرىشىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەر-ئايالنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى مەسىلىنىڭ «باش جاۋابكارى» ىنى تېپىش ئەمەس، بەلكى مەسىلىدىكى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى تېپىپ چىقىش ۋە ئېتىراپ قىلىشتۇر.
    4. ھەدېسىلا «ئاپا» نى چىشلەپ تارتماسلىق كېرەك.
   ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ھەدېسىلا «ئاپا» نى چىشلەپ تارتماسلىق كېرەك. مەسىلەن: پىكىر ئالماشتۇرغاندا «ئاپام ئۇنداق دېگەن» ياكى «ئاپام مېنى مۇشۇنداق تەربىيەلىگەن» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش... ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ئىككى تەرەپنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىش، ھەدېسىلا چوڭلارنى تىلغا ئېلىپ قارشى تەرەپكە بېسىم پەيدا قىلماسلىق كېرەك.
   5. تېمىنى باشقا يەرگە يۆتكىۋەتمەسلىك كېرەك.
   بەزىلەر پاراڭ تېمىسىنى يۆتكەشكە بەك ماھىر. مەسىلەن، ئېرى ئايالىغا: «يەنە كىيىم ئاپسىزغۇ؟ بۇ ئايدا چىقىم كۆپ، كىيىم ئالمايمىز، دېيىشمىگەنمىدۇق؟» دېگەنىدى، ئايالى دەرھال تەرىنى تۈرۈپ :«چىقىم جىق دېگەن گەپنى تىلغا ئالماڭ، ئۆزىڭىز ئالدىنقى ئايدىكى مىڭ يۈەن پۇلنى زادى نەگە يۈتتۈردىڭىز؟ ئۆزىڭىزگە نېمانچە پۇختا بولمايسىز؟» دەپ توچكىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېرىنىڭ خاتالىقىغا يۆتكەيدۇ.
   پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا بۇنداق ئىشلار كۆپ كۆرۈلسە، مەسىلە مەڭگۈ ھەل بولمايلا قالماي، ئىككىيلەن بىر مۇنچە قورساق كۆپۈكى تارتىۋالىدۇ، پىكىر ئالماشتۇرۇش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى