تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

دىنازاۋۇر ئائىلىسىنىڭ يېڭى تۈرى — جىندى ئانكىلوزاۋرى

ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ مۇكەممەل پارېيەزاۋرنىڭ باش سۆڭىكى

    پالېئونتولوگىيە (قەدىمكى جانلىقلار) تەتقىق قىلىش ساھەسىدە دىنازاۋۇر تاشقاتمىسى ئىزچىل قىزىق نۇقتا ھەم مۇھىم نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە. سەنشى گېئولوگىيە مۇزېيى يېقىندا ئاچقان قەدىمكى جانلىقلار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا «زويۈن جىندى ئانكىلوزاۋرى» تاشقاتمىسى، «زېيىۋاڭشى تىمساھى» تاشقاتمىسى ۋە پارېيەزاۋر تاشقاتمىسى قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك قەدىمكى جانلىق تەتقىقات نەتىجىسى تۇنجى قېتىم ئاشكارا نامايان قىلىندى.

    بولۇپمۇ، 2011-يىلى داتۇڭ شەھىرى زويۈن ناھىيەسىدىكى بور دەۋرىگە تەۋە يەر قاتلىمىدىن بايقالغان مۇكەممەل «زويۈن جىندى ئانكىلوزاۋرى» تاشقاتمىسى دىنازاۋۇر ئائىلىسىنىڭ يېڭى تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئىلگىرى سەنشى گېئولوگىيە مۇزېيى يېڭى تۈردىكى ئۈچ دىنوزاۋرغا ئىسىم قويۇپ بولغان. بۇ يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن كۆڭۈل قويۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن «زويۈن جىندى ئانكىلوزاۋرى» تاشقاتمىسى سەنشى گېئولوگىيە مۇزېيىدا جامائەتچىلىككە كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.

    ئېلان قىلىش يىغىنىدا «زويۈن جىندى ئانكىلوزاۋرى» تاشقاتمىسى بىلەن بىللە ئېلان قىلىنغانلاردىن يەنە سەنشى تىرىئاس ئېراسىغا تەۋە ئاساسىي كەسلەنچۈك تۈرىدىكى «زېيىۋاڭشى تىمساھى» تاشقاتمىسى ۋە پېرمىئان دەۋرىگە تەۋە  پارېيەزاۋر تۈرىدىكى تاشقاتما بار. بۇ ئىككى قەدىمىي جانلىق ئايرىم-ئايرىم بۇندىن 240 مىليون يىل ئىلگىرىكى تىرىئاس ئىراسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرى بىلەن 260 مىليون يىل ئىلگىرىكى پېرمىئان دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ياشىغان بولۇپ، شىمالىي جۇڭگو رايونىغا خاس قەدىمكى جانلىقلار تۈرى ھېسابلىنىدۇ، مەيلى تاشقاتمىنىڭ مۇككەممەللىكى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى ساقلىنىپ قالغان سانى جەھەتتىن بولسۇن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

    سەنشىنىڭ ئەزەلدىن تاغ-دەريالار يۇرتى دېگەن چىرايلىق نامى بار، تەۋەسىدە ھەرقايسى گېئولوگىيە دەۋىرىدىكى كەڭ دائىرىلىك چۆكۈندى يەر قاتلىمى يېتىشكەن بولۇپ، مول تاشقاتما بايلىقى يوشۇرۇنغان. سەنشى مۇزېيى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قەدىمكى جانلىقلارنىڭ تاشقاتمىسىنى تەكشۈرۈش، قېزىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەتقىقات خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرغان ھەمدە مول نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ترىئاس ئېراسىغا تەۋە «جۇڭگو كېمپى ھايۋانلار توپى»، بور دەۋرىگە تەۋە دىنازاۋر ھايۋانلار توپى، پېرمىئان دەۋرىگە تەۋە پارېيەزاۋر تۈرىدىكىلەر قاتارلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇھىم قەدىمىي جانلىقلار تاشقاتمىسىنى  قېزىپ چىققان.

    ئانكىلوزاۋر ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىدىغان، پۈتۈن بەدىنىدە «ساۋۇت» ى بولغان دىنازاۋۇر. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە بەش، ئالتە مېتىر كېلىدۇ، بەدىنى كالامپاي بولغاچقا، تۆت پۇتىغا تايىنىپ يەردە ئاستا ئۆمىلەپ ماڭىدۇ. بولقىسىمان قۇيرۇقى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. بۇ قېتىم نام بېرىلگەن «زويۈن جىندى ئانكىلوزاۋرى» 2011-يىلى داتۇڭ شەھىرى زويۈن ناھىيەسىنىڭ بور دەۋرىگە تەۋە يەر قاتلىمىدىن بايقالغان بولۇپ، مۇككەممەل ساقلانغان ئانكىلوزاۋرنىڭ تاشقا ئايلانغان ئىسكىلىتى ھېسابلىنىدۇ. ئېلان قىلىش يىغىنىدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئادەملەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى يوۋ خەيلۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «زويۈن جىندى ئانكىلوزاۋرى» بۇندىن 100مىليون يىل ئىلگىرىكى بور دەۋىرىدە ياشىغان، نۆۋەتتە مەلۇم بولغان سۆڭەكلىك بولقىسىمان قۇيرۇقى بولقىسى بولغان ئانكىلوزاۋرلار ئائىلىسىگە تەۋە دىنازاۋۇر ھېسابلىنىدۇ. يوۋ خەيلۇ مۇنداق دېدى: مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىسى بۇ يىل نەشردىن چىقىدىغان «گېئولوگىيە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى» دا ئېلان قىلىنىدۇ.

    يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان ئىككىنچى نەتىجە بولسا ئوخشاش بىر تاشقاتما ئورىكىدىكى توپلىشىپ ساقلانغان 11 «زېيىۋاڭشى تىمساھى». بۇ دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە بايقالغان توپلىشىپ ساقلىنىش سانى ئەڭ كۆپ بولغان «زېيىۋاڭشى تىمساھى» تاشقاتمىسىدۇر.

    «زېيىۋاڭشى تىمساھى» 240 مىليون يىل ئىلگىرىكى ترىئان ئېراسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە ياشىغان، بۇ دىنازاۋۇر ۋە تىمساھتىنمۇ بۇرۇن ياشىغان ئۆمىلىگۈچى ھايۋان بولۇپ، «جۇڭگو كېمپى ھايۋانلات توپى» دىكى كىرونوزاۋر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ سىرتىنى كاھىش شەكىللىك قاسراق قاپلىغان بولۇپ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈشې ۋە ۋۇشياڭ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئادەملەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى تاڭ جىلۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «زېيىۋاڭشى تىمساھى» نى گېئولوگ ياڭ جۇڭجيەن مۇكەممەل بولمىغان ماتېرىياللاردىن قوراشتۇرۇپ چىققان، پۈتۈن ئەۋرىشكە تىپى مۇكەممەل ئەمەس، ئۈنۈملۈك باھالاش ئالاھىدىلىكى كەمچىل. مەملىكەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن ئالىملار «زېيىۋاڭشى تىمساھى» نىڭ ئۈنۈملۈكلىكىدىن گۇمانلىنىپ، «زېيىۋاڭشى تىمساھى» نى گۇمانلىق تۈر، دەپ قارىغان.

    2010-يىلى ۋە 2013-يىلى سەنشى گېئولوگىيە مۇزېيى قەدىمىي جانلىقلار كوللېكتىپى يۈشېدىكى ترىئاس سىستېمىسىدىن يېڭى مۇكەممەل تاشقاتمىلارنى يىغقان.

    پارېيەزاۋر ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىدىغان تۆت پۇتلۇق ھايۋان بولۇپ، يېرىم ئۆرە تۇرۇپ ماڭىدۇ. پارېيەزاۋرنىڭ ئادەتتە تېنى يوغان، شەكلى كالامپاي بولۇپ، بەدەن سىرتقى يۈزىنى قاسراق قاپلاپ تۇرىدۇ، بۇ كېيىنكى پېرمىئان دەۋرىدىكى قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيە سىسىتېمىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇپ، ئافرىقا، ياۋروپا، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە ۋە ئاسىيا قىتئەسىدىكى جۇڭگوغا تارقالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى