تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

تۇغۇتتىن كېيىنكى كۈتۈنۈش مەزگىلىدە قانداق ئوزۇقلىنىش كېرەك؟

  گۇاڭجۇ تېببىي داشۆسى 3-دوختۇرخانىسى كىلىنىكا ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ دوكتورى ليۇ جيا مۇنداق دەيدۇ: تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن بەدەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە بالا ئېمىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا موھتاج، شۇڭا ئىلمىي ئۇسۇلدا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم. دوكتۇر ليۇ جيا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بەش پرىنسىپنى ئېيتىپ ئۆتتى.

   تال ۋە ئاشقازاننى ئاسراپ، سۇيۇق-سەلەڭ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ، قارىغۇلارچە ئوزۇقلۇق تولۇقلىماسلىق. تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تال، ئاشقازان ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ، بولۇپمۇ يەڭگىگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى ئون نەچچە كۈندە تېخىمۇ ئاسراشقا موھتاج. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا زىيادە مايلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ، قارىغۇلارچە ئوزۇقلۇق تولۇقلىغاندا، ئەكسىچە ھەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئاسان ھەزىم بولىدىغان ھەم تال ۋە ئاشقازانغا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىش، شورپا، ئۇماچنى كۆپرەك ئىچىش، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم غىزالىنىش كېرەك (كۈنىگە 6~5 ۋاخ غىزالىنىش).

   تۇغۇتتىن كېيىن ئاياللار بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ھەمدە قان تولۇقلاشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇ ئۇزاق ۋاقىتقىچە ئەسلىگە كېلەلمىگەندە، مۇۋاپىق مىقداردا قاننى جانلاندۇرۇپ قاننى راۋانلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك.

   سۈت كەلتۈرۈش ۋە ئېمىتىش ئىھتىياجىنى ئويلىشىش. تۇغۇتلۇق ئاياللار قان تولۇقلايدىغان، ئانا سۈتىنى كۆپەيتىدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشى ۋە ئوخشىمىغان باسقۇچتا سۈت كېلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

  تۇغۇت مەزگىلىدە پەرھىز تۇتۇشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك. مەسىلەن، تەبىئىتى بەك ئىسسىق، قۇرغاق، سوغۇق، ئاچچىق يېمەكلىكلەر تال ۋە ئاشقازاننى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللار تۇغۇت مەزگىلىدە پاكىز بولمىغان، زىيادە سەزگۈرلۈكنى قوزغايدىغان ياكى ئالاھىدە تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك.

  بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىگە ئاساسەن يېمەكلىكنى تەڭشەش. بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاشسا، ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولسا بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەسىلەن، ئانا پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە بوۋاقنىڭ تەرىتى سېرىق رەڭدە سۇيۇق كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئانا پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى توختىتىشى كېرەك. ئەگەر بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىدە كۆپۈك كۆپ بولسا ھەم پۇرىقى قاڭسىق بولسا ئانىنىڭ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەۋالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئانا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك. بوۋاق يېتەرلىك غىزالانمىغاندا چوڭ تەرىتى يېشىل، مىقدارى ئاز ئەمما قېتىم سانى كۆپ كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى