تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېكولوگىيە ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلقنى پايدىغا ئېرىشتۈرۈش، خەلق ئۈچۈن ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش

ئاپتونوم رايونىمىز خەلق تۇرمۇشىغا تىرىشىپ ئەڭ كۆپ نەپ يەتكۈزدى

مۇخبىرىمىز ۋاڭ يايۈن

   سىم – سىم يامغۇردا، چىلان تۇرۇق ئات ياپيېشىل مەخمەلدەك ئوتلاقتا بەھۇزۇر ئوتلىماقتا، تاغ ئارىسىدا تۇمانلار يۇقىرىغا ئۆرلىمەكتە. ئۈچ يىل ئىلگىرى كاللامغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن بۇ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن،  دېدى ساياھەتچى تاڭ لۇپىڭ، ئۇ بۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىنىڭ تۈرتكىسىدە 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى گۇاڭجوۋدىن قاناسقا كېلىپ، شىنجاڭ سەپىرىنى يەنە بىر قېتىم باشلىدى.

   چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر بۇرچىن، دۇنيادىكى پاكىز زېمىن قاناس، ئەڭ گۈزەل قارلىق يۇرت قۇمقاناس، يەرشەكلى غەلىتە كۆكتوقاي، مۇز شەھىرى بۇرۇلتوقايدىكى ئۇلۇڭگۈر كۆلى، كاجېپۇت دەرىخى دېڭىزى  چوڭقۇر... تىپتىنچ، ئىناق، گۈزەل تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىلەر، بۇلار ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان كوزىرى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، شۇ جاينىڭ سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، دەيدىغان تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىدى.

   ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەلق تۇرمۇشىغا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ، ئالتاي ۋىلايىتى ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا ئالدىن ئويلاشتى.

   كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. ئالتاي شەھەرلىك مەركەزلەشتۈرۈپ پار بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەش ئەسلىھەلىرى ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇلغىمىلار ئۆلچەم بويىچە قويۇپ بېرىلدى، توردا كۆزىتىش ئەسلىھەسى ئورنىتىلىپ، ئالتاي ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسرىشىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، قالدۇق گازنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش پونكىتىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلىرى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ يول، قۇرۇلۇش چاڭ – توزانلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، شەھەرنى، قاقاس تاغنى كۆكەرتىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلدى. 2017 – يىلى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ھاۋا مۇھىت سۈپىتى ئەلا بولدى، ئالتاي شەھىرىنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغان كۈن %100كە يەتتى.

   سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى. مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى چارۋىچىلىق تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش چەكلەنگەن رايونلارنى ئايرىش ۋە قانۇن بويىچە تاقاش، كۆچۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى، چىڭگىل، بۇرۇلتوقاي، بۇرچىن ناھىيەسى چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش چەكلەنگەن رايونلارنى ئايرىشنى تاماملىدى، قابا، جېمىنەي، كۆكتوقاي ناھىيەسى لايىھەنى پۈتكۈزدى؛ 33 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 30 ماي قاچىلاش پونكىتى ئۆزگەرتىلدى. بۇلتۇر، ئالتاي ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى يەتتە مەركەزلىك ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىدە سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %100 بولدى.

   تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، تۇپراق مۇھىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى. ئالتاي ۋىلايىتى ‹‹تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمەت لايىھەسى››نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنى تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايون، ساھە ۋە بۇلغىمىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش، خەۋپ – خەتەرنى قاتتىق تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى.

   ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گو ۋېنخۇي مۇنداق دېدى: ياخشى ئېكولوگىيە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپلا قالماي، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى ھەم جەمئىيەتتە كىشىلەرنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمىز، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمىز.

   ئاسمىنى كۆك، تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئالتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ مەڭگۈلۈك بايلىقى.

   ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ئۇرازبېك رۇسۇلقان مۇنداق دېدى: شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، ئەڭ مۇھىمى، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتۇر. سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراق ھەرىكىتىنى تىرىشىپ قانات يايدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئومۇمىي مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش، يېشىل تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

   ئۆتكەن بىر يىلدا، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ سۈزۈك بولدى، ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ PM10 قويۇقلۇقى 2013 – يىلىدىكىدىن %15.8 تۆۋەنلىدى؛ يەرلەر تېخىمۇ يېشىللاشتى، ئورمان كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى، پۈتۈن بىر يىلدا بىنا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 3 مىليون 207 مىڭ 500 موغا يېتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %4.24تىن %4.87كە ئۆرلىدى؛ سۇ تېخىمۇ سۈزۈكلەشتى، ئاپتونوم رايون 3481 دەريا – ئېقىننىڭ ھەممىسىنى دەرىجە، بۆلەككە ئايرىپ، دەريا باشلىقلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى، 3 – تۈردىن يۇقىرى سۇ سۈپىتىنىڭ نىسبىتى 2013 – يىلىدىكى %94.8تىن ئۆرلەپ 2017 – يىلى %98.2كە يەتتى.

   شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولىدىغان مەنزىرە بارغانسېرى كۆپەيدى؛ ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، يەنكۇاڭ شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ‹‹يېشىللىق››نى كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ‹‹ئاساسىي رەڭگى›› ۋە ‹‹يارقىن نۇقتىسى›› قىلىپ، 500 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، مۇھىت ئاسراش جېڭىنى قانات يايدۇردى؛ گولمۇد – كورلا تۆمۈريولىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىدا، جۇڭگو تۆمۈريول 21 – ئىدارىسى گۇرۇھى 1 – شىركىتى ‹‹مۇھىت ئاسراش بىلەن قۇرۇلۇش ماس قەدەمدە بولۇش، قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن مۇھىت ئاسراشنى تەڭ يولغا قويۇش››، ‹‹قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى يول يىراق بولسىمۇ ئايلىنىپ مېڭىش، بىر تۈپ توغراققىمۇ زىيان يەتكۈزمەسلىك››تە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇردى؛ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تىكەنلىك بازىرى يېڭىسۇ چارۋىچىلىق كەنتىدىكى چارۋىچى ھۈسەن ئەمەر ئايرىلغىلى كۆپ يىل بولغان يۇرتىغا يەنە قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ قويى 100دىن 400 نەچچىگە كۆپەيدى؛ ماناس دەرياسىنىڭ قىرغىقى سىجىل تەرتىپكە سېلىندى، ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان چېن شۆۋۇ ‹‹سۇلۇق يەرگە تايىنىپ ياشاش››نىڭ پايدىسىنى كۆردى، ئۇ يايما تىجارىتىدىن ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ساپ كىرىم قىلدى...

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى