تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بۇ ئادەتلەر چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىدۇ

  بەدەن ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ياشانغانلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىمۇ تەدرىجىي چېكىنىدۇ. بىلەمسىز؟ ياشانغانلار يەتتە خىل يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى داۋاملاشتۇرالىسا، بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى كېچىكتۈرەلەيدۇ.

  بىرىنچى، ئىسسىقلىقنى كونترول قىلىش.

  ئىسسىقلىقنى كونترول قىلسا ئالجېمېر كېسىلىنىڭ خەۋپ ئامىللىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، مەسىلەن: ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە دىيابېت. بۇ ياشانغانلارنى ئىسسىقلىقنى بىراقلا ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈرۈۋېتىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى كۈندىلىك ئىسسىقلىق مىقدارىنى 1200 كىلوكالورىيەدىن تۆۋەن قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ بەدىنى ئورۇقراق كەلگەن ياشانغانلار ئىسسىقلىقنى مۇۋاپىق كونترول قىلىشى كېرەك، بولمىسا زىيىنى پايدىسىدىن كۆپ. ياشانغانلار كۆكتات سالات ۋە كۆكتات شورپىسى ئىچىشتىن ياكى كىچىكرەك چىنىدە تاماق يېيىشتىن باشلاپ، چوڭ مېڭىگە بىر بېشارەت بېرىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، كۈندە ئاز دېگەندىمۇ 100 گىرام مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات يېيىش.

  ئامېرىكا «چىكاگو ساغلاملىق ۋە ياشانغانلار تەتقىقات تۈرى» دىكى 65 ياشتىن يۇقىرى بولغان 3718 پىدائىيغا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتنى كۆپرەك يېسە، بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدىكەن. مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ مۇددىتى ئالتە يىل بولۇپ، نەتىجىدە كۈنىگە مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتنى كۆپرەك يېگەن ياشانغانلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى باشقا ئادەملەرگە قارىغاندا %40 تۆۋەن بولغانلىقى بايقالغان. بىز سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولغان ياشانغانلارغا كۈنىگە 300 گىرامدىن 500 گىرامغىچە كۆكتات، 200 گىرامدىن 350 گىرامغىچە مېۋە-چېۋە يېيىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

  ئۈچىنچى، تەبىئىي پۇراقلىق ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش.

  ھەر خىل ئۆسۈملۈك پۇراقلىق ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش تاماققا تەم كىرگۈزۈشكە ھەمدە تاماق ئەتكەن چاغدا ماي ۋە تۇزنىڭ مىقدارىنى ئازايتىشقا پايدىلىق. نۇرغۇن ئۆسۈملۈك پۇراقلىق ماتېرىياللىرى تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا بولۇپ، بۇنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. شۇڭا بىز ياشانغانلارغا كۈنىگە غولپىياز، سامساق، قارىمۇچ، كاۋاۋىچىن، يالپۇز، زىرە قاتارلىق تەبىئىي پۇراقلىق ماتېرىياللارنى ماي، تۇز ۋە شېكەرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

  تۆتىنچى، گۆش تۈرىدىكىلەرنى قورۇشتىن ئىلگىرى چىلاپ قويۇش.

  يېمەكلىكلەردە ياغ، ئاقسىل، شېكەر تەركىبى مول بولىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مۇرەككەپ خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ، گىلىكوزىلاشقان ئاخىرقى ماددا قاتارلىق زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىل تەركىب سۈرلەنگەن گۆش، كولباسا، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرى ۋە مايدا پىشۇرۇلغان، قاقلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ئىنتايىن يۇقىرى. بۇ خىل تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، چوڭ مېڭە قېرىشى تېزلىشىدۇ. گىلىكوزىلاشقان ئاخىرقى ماددىنى ئازايتىدىغان ئەپچىل ئۇسۇل بولسا، يېمەكلىكنىڭ سۇ تەركىبىنى ئامال بار يۇقىرى كۆتۈرۈشتۇر. يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بېلىق ۋە گۆش تۈرىدىكىلەرنى پىشۇرۇشتىن ئىلگىرى قايناۋاتقان سۇدىن بىر قېتىم ئۆتكۈزۈۋېتىش ياكى دۈملەش، چىلاشتەك ئۇسۇللارنى قوللانسا، سۇ گۆشگە سىڭىدۇ.

  بەشىنچى، ھەپتىدە بىر قېتىم چوڭقۇر دېڭىز بېلىقى يېيىش.

  چوڭقۇر دېڭىزدا ياشايدىغان بېلىق تۈرىدىكىلەر سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، كۆپرەك ئومىگا 3 ياغ كىسلاتاسىنى ئىشلەپچىقىرىپ نورمال تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. ياشانغانلار چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرىنى مۇۋااپىق يەپ بەرسە، بەدەن ۋە چوڭ مېڭىدىكى ياللۇغ ئىنكاسىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  ئالتىنچى، دائىم قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە قارا ئاشلىق يېيىش.

  قارا ئاشلىق ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ئادەم بەدىنىگە ئومىگا 3 ياغ كىسلاتاسىنى تولۇقلايدۇ، بۇلارنىڭ تەركىبىدە سېلېن ۋە ۋىتامىن E ئىنتايىن مول بولۇپ، چوڭ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئامېرىكا ۋاشىنگتون داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قارا ئاشلىق ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى زىيادە ئاز يېيىش بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش ئامىللىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ياشانغانلار ياڭاقنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە، ياڭاق تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ئالجېمېر كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى كۈنىگە بىر سىقىم يېسىلا كۇپايە بولۇپ، ئارتۇق يەۋالغاندا ياغ ئاسانلا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

  يەتتىنچى، كۈندە نەچچە ئىستاكان چاي ئىچىش.

  پەمىل چاي بىلەن كۆك چاي تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا چاي فېنولى بولۇپ، ئوكسىدلىنىشىنىڭ پۈتۈن بەدەندىكى ھەرقايسى توقۇلمىلارغا بولغان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۆك چاي تەركىبىدىكى مول بولغان كاتېسىن β كىراخمالسىمان ئاقسىلنىڭ ئولتۇرۇشۇپ قېلىشىنى ئازايتىپ، قان بېسىمى ۋە خولېستېرىن سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، چوڭ مېڭە ساغلاملىقىنى ياخشىلايدۇ. چاي ئىچىش ئارقىلىق قان بېسىمى ۋە خولېستېرىن سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 2 تىپلىق دىيابېت، يۈرەك كېسىلى ۋە تۇخۇمدان راكىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى