تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ساۋەن ناھىيەسى: ئاپتوماتىك لازا تېرىش ئۈسكىنىسى تېرىقچىلىق ساھەسىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ تىڭتىڭ، نائەيما خەۋىرى: زامانىۋىلاشقان تېرىقچىلىق ئۈسكىنىلىرى ئەمگەك كۈچىنى ئازاد قىلىپلا قالماستىن يەنە تېرىقچىلىق ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەننەرخنى تۆۋەنلەتتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، «جۇڭگو لازا يۇرتى» ساۋەن ناھىيەسى يەنسىخەي بازىرىدا لازىلار تېرىقچىلىق ئۈسكىنىسىدە تېرىلىپ، ئېتىزلارنى بىر دەمدىلا يېشىللىقا پۈركىدى.

  ساۋەن ناھىيەسى يەنسىخەي بازىرى خېپىڭ يېڭى كەنتىدىكى چىڭگو دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ يىل 6000 مودىن ئارتۇق جايغا سەي كۆچىتى تىكىپ بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2000 مودىن ئارتۇق جايغا لازا كۆچىتى تىكتى. كۆچۈرۈپ تىكىش تېخنىكىسىنىڭ ئادەم قولىدا كۆچۈرۈشتىن ئۈسكىنىدە تىكىشكە بولغان ئۆزگىرىشىگىچە، تۆت كىشىلىك تىكىش ئۈسكىنىدىن سەككىز كىشىلىك تىكىش ئۈكىنىسىگىچە تەرەققىي قىلىش، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ كىرىم كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي يەنە دېھقانلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۈن كەچۈرۈش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

  يەنسىخەي خېپىڭ يېڭى كەنتىدىكى ئاھالە ياڭ چىداۋ ئۆزىنىڭ 60 مو يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپقا قوشقانلىقىنى، ئېتىزلىقتىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكىنىلەرنى كۆرۈپ خۇش بولغانلىقىنى ئېيتتى.

  ياڭ چىداۋ مۇنداق دېدى: «يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپقا قوشۇۋەتكەندىن كېيىن مەنمۇ سەل ئارام تېپىپ قالدىم، ھەمكارلىق كوپىراتىپ ھەر يىلى ماڭا دارامەت تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ، 2016-يىلى ھەر بىر مو يەردىن 550 يۈەن تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى، 2017-يىلى ھەر بىر مو يەردىن 750 يۈەن تەقسىم قىلدى، ھازىر ھەرقايسى جەھەتلەردىكى سەۋىيەلەر ئۆسۈپ كەتتى، دېھقانچىلىق ئۈسكىنىلىرى يېڭىچە، سەۋىيەمۇ يۇقىرى، كۆچۈرۈلگەن لازا كۆچەتلىرىمۇ شۇنداق ياخشى ئەي بوپتۇ، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇش بولدۇم» دېدى.

  2015-يىلى، يەنسىخەي بازىرى بوخەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆت كىشىلىك لازا تېرىش ماشىنىسى كىرگۈزۈپ ئادەم كۆچەت تېكىشتەك تارىخقا خاتىمە بەردى. بۇ يىل، ھەمكارلىق كوپىراتىپ يەنە 30 سەككىز كىشىلىك لازا تېرىش ئۈسكىنىسى كىرگۈزۈپ، ئاپتوماتىك ئورا كولاپ، ئادەم كۆچەت سېلىپ، قۇرۇق ئورا نىسبىتى يۈزدىن ئون ئىچىدە كونترول قىلىنىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولدى.

  بوخەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى مەسئۇل خادىم ليۇ جىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ھەركۈنى 30 مودىن ئارتۇق يەرگە ئاپتوماتىك كۆچەت تىكىۋاتىمىز، بىزنىڭ كوپىراتىپتىكى دېھقانلار بۇنداق يۇقىرى ئۈنۈمنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدى، بۇ ئۇلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى پىلانى توغرا مەشغۇلات قىلىپ، سۇلياۋ يوپۇق ياپىدىغان يەرگە GPS يول باشلاپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، زامانىۋى تېخنىكا ئارقىلىق ئۈنۈمنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش».

  ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئۇسۇلىغا قارىغاندا، لازا كۆچىتىنىڭ ئەي بولۇش دەۋرى بالدۇر، سۈپەتلىك، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. نۆۋەتتە، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ياردىمىدە، جەمئىيەتتىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، لازا كەسپ زەنجىرى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇكەممەل كاپالەتكە ئىگە بولدى.

  شىنجاڭ گۇاڭخەي دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەقىيات چەكلىك شېركىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى شې گۇاڭجۇنىڭ ئېيتىشىچە: «بىز لازىنى زاكاز بويىچە تېرىيمىز، ھازىرقى لازا تېرىش ماشىنىلاشقاندىن بۇيان لازىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بالدۇر پىشىدىغان بولدى، مىقدارىمۇ ئاشتى، لازىنىڭ رەڭگى، تەمى تېخىمۇ ياخشى بولدى. بىز ھازىر لازا سېتىۋېلىپ، قىيام ياساپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرگە ئاپىرىپ سېتىپ، يەرلىك ماركا قۇرىۋاتىمىز».

  جۇڭگو لازا يۇرتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ساۋەن ناھىيەسى يەنسىخەي بازىرى لازا تېرىش بىلەن بىرگە لازىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، تېرىش ئۇسۇللىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، لازا سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار بىلەن بازار ئىگىلەپ، ئەلا تاۋار ماركىسى ياراتماقچى بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى