تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا ئالدىدا مېڭىش

يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا كۈچلۈك دولقۇن مەۋج ئۇرماقتا ①

‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا ئالدىدا مېڭىش

مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ

    5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى سائەت 21 دە، بىر نۆۋەتچى پويىز جۇڭگو ــ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقماقتا. ( سۈن مىمى فوتوسى )

    ئىلاۋە:

   جۇڭگو 2018 – يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش  ــــ ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن ئاچقۇچلۇق تاللاش.  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. 40 يىللىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، 40 يىللىق شانلىق نەتىجە، جۇڭگو بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ۋەتەن قوينىدىكى شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

   شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ ‹‹ھەيۋەتلىك شەرق دولقۇنى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر ــــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز›› ئىستونىنى تەسىس قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قاينام – تاشقىنلىققا تولغان، جان تىكىپ ئېلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر، قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى نامايان قىلىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم يۈكسىلىشلىرىنى ۋە تىيانشان ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى گەۋدىلىك نامايان قىلىدۇ. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى تەشۋىقاتىنىڭ مۇقەددىمىسى ‹‹يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا كۈچلۈك دولقۇن مەۋج ئۇرماقتا›› سەرلەۋھىلىك چاتما خەۋەر بىلەن باشلىنىدۇ.

   تارىخنىڭ ۋاقىت ئىسترېلكىسىنى 2013 – يىلىغا قايتۇرساق، رەئىس شى جىنپىڭ پۈتۈن دۇنياغا ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› ۋە ‹‹21 – ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولى››نى ئورتاق قۇرۇش ئۇلۇغ تەشەببۇسىنى چىقاردى. جۇڭگو ئوچۇق ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان چوڭ دۆلەت بولۇشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن دۇنيا بىلەن تەڭ بەھرىلىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە دۇنيانى ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىشىپ، چوڭ قەدەم بىلەن دۇنيا سەھنىسىگە يۈرۈش قىلىشىنى مىسلىسىز زور پۇرسەتكە ئىگە قىلدى. قىسقىغىنا بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ مەۋقەنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ئورۇنغا قويۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم كۆزنەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ، شاڭخەي، جېجياڭ قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي تاپقان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بىرلىكتە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئىچىدە ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى جەھەتتە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان رايون قاتارىغا ئۆتۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا ئالدىدا ماڭدى.

   ئۇلۇغ تەسەۋۋۇر، يېڭى بۇرچ

   ‹‹ئەگەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلىدىغان بولسا، شىنجاڭ ئاۋات مەركەزگە ئايلىنىشى مۇمكىن. باشقىنى دېمىسەكمۇ، ئۈرۈمچى ھازىر 1500 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، شۇ چاغقا بارغاندا بۇ شەھەردە قانداق ئۆزگىرىش يۈز بېرەر؟›› بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2014 – يىلى شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى.

   دۇنيا خەرىتىسىگە قارىساق، جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جۇغراپىيەلىك مەركىزىگە جايلاشقان، ئۇ شەرقتە ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىساد چەمبىرىكى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربتە تەرەققىي تاپقان ياۋروپا ئىقتىساد چەمبىرىكى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، دۆلەت ‹‹قەدىمىي يىپەك يولى›› بىلەن ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› ئۆزئارا بىر – بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدىغان شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قىلىپ بېكىتتى. بۇ ھەرگىزمۇ جۇغراپىيەلىك تاسادىپىيلىق بولماستىن، بەلكى تارىخنىڭ تاللىشى، دەۋرنىڭ تاللىشى، مەركەز شىنجاڭدىن كۈتكەن زور ئۈمىد.

   ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى››. ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا سىڭىشىشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۇقىرىقىدەك باھا بېرىلدى.

   يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، ئەتراپتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە شەرقىي، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ كەسىپلەر يۆتكىلىشىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپىنى يارىتىش؛

   نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد – تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش؛

   جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو – موڭغۇلىيە – رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش؛

   قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ۋە ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ـــ ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆرگەزمىلەرنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇش؛

...

   شىنجاڭ ھازىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن تەمىنلىگەن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇقنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇردى.

   جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، يېڭى دەۋردە يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى چىڭ تۇتۇشتىكى 1 – ۋەزىپە قىلىپ بېكىتتى. شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد داشۆسى ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى مېڭ يۇڭشېڭ دۆلەت ئىجتىمائىي پەن فوندىنىڭ غەربىي رايون تۈرى ـــ  ‹‹كەلگۈسى ئون يىلدىكى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد ھەمكارلىقى، شۇنىڭدەك شىنجاڭنىڭ ئورنى ۋە رولى توغرىسىدىكى تەتقىقات››تا ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش مەركەز شىنجاڭغا تاپشۇرغان يېڭى بۇرچ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ›› دەپ يازدى. ئۇ مۇنداق قارىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى ئۇرغۇتۇلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا شىنجاڭنىڭ شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولى قېزىپ چىقىلدى. شىنجاڭ تەدرىجىي شەرق – غەرب ئىككى چوڭ ئىقتىساد چەمبىرىكى تۇتىشىدىغان مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى، بايلىق ۋە ئادىمىيەت ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ئۇنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق رايون بولۇشتەك مۇھىم ئورنى بېكىتىلدى.

   ئىدىيە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە يېتەكچى بولدى

   ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئېنېرگىيەسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭى بۇرچنى زىممىگە ئېلىشتىن كەلگەن. يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئىككى چوڭ بازارنى تۇتاشتۇرىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا، تور يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇردى.

   بەش يىلدىن بۇيان، قۇرۇقلۇق يىپەك يولى ماڭغانسېرى راۋانلاشتى. ئىچكىرى بىلەن بولغان ئالاقىدە، شىنجاڭدىن چىقىدىغان 2 – يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، شىنجاڭدىن چىقىدىغان 3 – تۆمۈريول چىڭ تۇتۇلۇپ ياسىلىۋاتىدۇ، شىنجاڭ ئىچىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 4578 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلدى. سىرت بىلەن بولغان ئالاقىدە، شىنجاڭنىڭ خەلقئارا يول تىرانسپورت لىنىيەسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، يولۇچى ۋە يۈك توشۇش مىقدارى 3 مىليون(قېتىم)دىن ۋە 20 مىليون توننىدىن ئاشتى، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 17 دۆلەتتىكى 24 شەھەرگە قاتنىدى.

   بەش يىلدىن بۇيان، ھاۋا يىپەك يولى بارغانسېرى كېڭەيدى. شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇمنىڭ ئومۇمىي سانى 21گە، ئېچىلغان دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 237گە، خەلقئارا(رايون) ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 24كە يەتتى، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 20 مىليون(قېتىم)دىن ئېشىپ، دۆلىتىمىزدىكى 5 – چوڭ تۈگۈن ئايروپورتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

   بەش يىلدىن بۇيان، تور يىپەك يولى بارغانسېرى قولايلاشتى ۋە تېزلەشتى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەر ۋە جۇڭگو – رۇسىيە، جۇڭگو – قىرغىزىستان، جۇڭگو – تاجىكىستان، جۇڭگو – پاكىستان قاتارلىق چېگرا ھالقىغان ئوپتىكىلىق كابېل سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى؛ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ بىر يىل بولغاندا، سودا سوممىسى تېز ئېشىپ، 7 مىليون دوللارغا يەتتى، ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20تىن ئاشتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر رۇڭ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قۇرۇقلۇق، ھاۋا، تور تەڭ كۈچەيدى، بۇنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاققا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ۋە ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئاشقانلىقىدا كۆرۈلدى. بۇلتۇر، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 130 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، %20كە يېقىن ئاشتى.

   يولنىڭ راۋان، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ يېتەرلىك بولۇشى خەلقئارا ئالاقە، ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇلتۇر، شىنجاڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى 47 شەھەر بىلەن قوشماقلاشتى، ئون كۇڭزى شۆيۈەنى قۇردى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى تەستىقلاندى، چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمىتى سۇپىسى دائىرە ئىچىدىكى 27 دوختۇرخانا ۋە چېگرا سىرتىدىكى ئۈچ دۆلەتتىكى 24 چوڭ دوختۇرخانا بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.

   قويۇق ھەمكارلىق تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئالاقىگە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلدى، شىنجاڭ نۇقتىدا سىناق قىلغان چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپى چېتىلىدىغان دۆلەت ۋە رايون 86گە يېتىپ، 250 نەچچە مىليارد يۈەنلىك ھېسابات قىلىندى، تېز سۈرئەتتە كۆپىيىش پۇل مۇئامىلىنىڭ يادرولۇق(رايون) قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دۆلىتىمىز بىلەن بولغان خەلقئارا ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.

   6– نۆۋەتلىك جۇڭگو ــــ ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېچىلىش ئالدىدا، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ياخشى ئالاقە، ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلگەن خەلقئارادىكى ھەمراھلار يېڭى ئۈمىدكە تولدى. ئۆتكەن بەش نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە بەش قىتئەدىن كەلگەن 10 مىڭغا يېقىن كارخانا قاتناشتى، ئىمزالانغان ئىچكى ھەمكارلىق تۈرى ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، تاشقى سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 34 مىليارد دوللارغا يەتتى. ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شاڭخەيدىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى سەيدە كامال ئەغزەممۇختارېيېۋ مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش ئۇلۇغ تەشەببۇسى نەتىجىسىدە، ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ جۇڭگو شىنجاڭنى كۆۋرۈك، تۈگۈن قىلغان ھەمكارلىق ئىستىقبالى تېخىمۇ كېڭەيدى.

   ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى يارىتىلدى

   يېڭى بۇرچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى تولۇق قوزغاتقان شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش ئارقىلىق ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خاسلىقىغا ئىگە سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتى.

   قورغاس ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ چوڭ نەپ ئالغۇچىغا ئايلاندى. فۇجيەندىن كەلگەن لو تيەننىڭ جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە باجدىن خالىي تاۋارلارنى سېتىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولدى، ئۇ خەلقئارا ئالاقە، ھەمكارلىق ئارقىلىق كەسىپنى كېڭەيتىشنى پىلانلاپ، ئىزچىل پۇرسەت كۈتۈپ كەلدى. 2013 – يىلى لو تيەننىڭ ئىشلىرىدا زور بۇرۇلۇش بولدى، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە كۆپ يىل خەلقئارا سودا بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا توپلىغان كىشىلىك ئالاقىدىكى تەجرىبىسىگە تايىنىپ، قازاقىستان ئۆي – زېمىن بازىرىدا مۇقىم پۇت تىرەپ تۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ماڭا يېڭى بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ئىشلىرىمدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

   ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت ئورتاق تونۇش ئاساسىدا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى چوقۇم ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. يىراقتىكى ھورمۇز بوغۇزى قولتۇقى، ئىلگىرى قاقاسلىشىپ قالغان گۋاردال پورتى جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئارقىلىق دۇنيادىكى 2 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە  جۇڭگو بىلەن زىچ باغلاندى، يېڭى تۈس ئالغان كونتېينېر پىرىستانى، قۇرۇلۇۋاتقان مېھمانساراي، يىراققا تۇتاشقان تاشيول، تۆمۈريول تۈگۈنى... گۋاردالنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى جانلاندى. پاكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاخسان ئەكبەر مۇنداق دېدى: بۇ ئۆزگىرىشنىڭ مەنبەسى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەچچە مىليون پاكىستانلىقنىڭ تۇرمۇشىغا ئىجابىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى.

   دۆلىتىمىزنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇن ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى ئاساسىدا قاراماي بىلەن گۋاردالدىن ئىبارەت ئىككى شەھەر ئىككى دۆلەتنى تۇتاشتۇردى، گۋاردالدىن كەلتۈرۈلگەن ھەر خىل دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ داستىخىنىغا تىزىلدى، شىنجاڭ كارخانىلىرىمۇ گۋاردالنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالماقتا.

   تاجىكىستان زۇڭتۇڭ ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ 1 – مۇئاۋىن مۇدىرى زافاروۋ مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە كۆرگىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغان بەخت ئېلىپ كەلدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، تاجىكىستان ۋە جۇڭگونىڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى. جۇڭگو شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان دۈشەنبە شەھىرى 2 – نومۇرلۇق ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى نەچچە يۈز مىڭ ئامما ئۇزاقتىن بۇيان كۈتۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، بۇ تۈر دۈشەنبە شەھىرىنىڭ قىشتا توك يېتىشمەسلىك، پار توختاپ قېلىش مەسىلىسىنى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىدۇ.

   ھەمكارلىق ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى تاجىكىستاندا قۇرغان توقۇمىچىلىق سانائەت رايونى تاجىكىستاندىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ جەلپكار نۇقتىغا ئايلاندى، جۇڭگو – قازاقىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قازاقىستاننىڭ ئەڭ دىققەت قوزغىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندى، ئۆزبېكىستاندا 800دىن كۆپرەك جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانا بۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشىدىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى، شىنجاڭ ‹‹سەنباۋ›› ئوقەتچىلىكى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرى بىلەن ھەمكارلاشقان تۈر ــــ رېلىسسىز تىراللىبۇس ئالمائاتا خەلقىنى يول يۈرۈش جەھەتتە راھەت ھەم مۇھىت ئاسرايدىغان تاللاشقا ئىگە قىلدى...

   گۈزەل مەنزىل ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. شىنجاڭدىكى بەش يىللىق ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ، كەلگۈسىدىكى شىنجاڭغا نەزەر سالساق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى دولقۇنىدا تىك تۇرۇپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلانغۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى